ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ياخشىلىق ۋە يامانلىق

165 ماقال

  1. 1ئاختارمىلىقنىڭ چالمىسى يامان، خوتۇن كىشىنىڭ لالمىسى.
  2. 2ئادەم ئادەمدىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس.
  3. 3ئادەمنىڭ توغرىسى ياخشى، ئورغاقنىڭ ئەگرىسى.
  4. 4ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
  5. 5ئاشتىن يامانلىغان تاۋاق چاقىدۇ.
  6. 6ئاغزى يامان دەپ تويماس، نەپسى يامان يەپ تويماس.
  7. 7ئالتۇنلۇق ئۆيدىن كۆڭۈلنىڭ تېنىچلىقى يامان.
  8. 8ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
  9. 9ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان.
  10. 10ئاچلىقتىن خۇمارلىق يامان.
  11. 11ئوغرى ساقچىدىن قورقىدۇ، جىن ياخشىدىن.
  12. 12ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان.
  13. 13ئون خوجايىندىن بىر يالاقچى يامان.
  14. 14ئىشقى يوق ياردىن، ئىسسىق ئوچاق ياخشى.
  15. 15ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار، بىرى ياخشى تىۋىپ، بىرى ياخشى يار.
  16. 16ئىككى ياخىشى بىر بولسا تىنىچلىق تىلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق بىلەيدۇ.
  17. 17ئىگىسىنى ياخشى كۆرسەڭ، ئىتىغا سۆڭەك تاشلا.
  18. 18ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.
  19. 19ئۆلۈكنىڭ كۆزى يامان، ئۇرۇشقاقنىڭ سۆزى.
  20. 20ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
  21. 21ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىدىن، ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى.
  22. 22ئۇرۇق -تۇغقاننىڭ يىرىقى ياخشى، ئوتۇن -ياغاچنىڭ يېقىنى.
  23. 23ئۇن-ماي ھەر ئۆيدە بار، ياخشى تاماق بىر ئۆيدە.
  24. 24ئېرىڭدىن يامانلىماي ئەيىبىڭدىن يامانلا.
  25. 25ئەتىكى قۇيرۇقتىن، بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى.
  26. 26ئەسكى چاپان قىشتا ياخشى.
  27. 27ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.
  28. 28ئەسكى ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرۇت.
  29. 29ئەقلى يوق باشتىن سۈيى يوق قاپاق ياخشى.
  30. 30ئەلەڭ-سەلەڭ ئاغرىغاندىن، پۇلاڭ-سالاڭ ئۆلگەن ياخشى.
  31. 31باققالنىڭ ئالدى ياخشى، قاسساپنىڭ كەينى.
  32. 32بالا ئانىسىنى يامان دېمەس، ئىت ئىگىسىنى.
  33. 33باينىڭ ئېشىدىن كەمبەغەلنىڭ مۇشتى ياخشى.
  34. 34بىر ياخشىلق ئۇنتۇلماس ، بىر يامانلىق.
  35. 35بىر ياخشىلىق مىڭ بالادىن قۇتقۇزار.
  36. 36بىلمىگەنگە ياخشىلىق قىلما، تىڭشىغانغا سۆز.
  37. 37بىلىمسىزلىك نامراتلىقتىن يامان.
  38. 38بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن، تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان.
  39. 39بۇلبۇلغا باغ ياخشى، كەكلىككە تاغ.
  40. 40بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى.
  41. 41بېرىپ يامان بولغۇچە، بەرمەي يامان بول.
  42. 42تىز پۈكۈپ ياشىغۇچە، تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
  43. 43تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى، ساقايمىغان ئاغرىقنىڭ ئۆلگىنى ياخشى.
  44. 44تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  45. 45تۇغقاننىڭ بارى ياخشى، بۈگۈن قىچقارسا ئەتە«ھە»دېسىمۇ ياخشى.
  46. 46خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  47. 47خۇيى ياماننىڭ پەيلى يامان.
  48. 48دام ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.
  49. 49دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  50. 50دوستنىڭ كونىسى ياخشى، چاپاننىڭ يېڭىسى.
  51. 51دوستۇڭ يامان بولسا قېچىپ قۇتۇلارسەن، خوتۇنۇڭ يامان بولسا قانداق قۇتۇلارسەن؟
  52. 52رەمچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى ياخشى.
  53. 53رەھمى يوق ئادەمدىن، رەھمى بار ئىت ياخشى.
  54. 54زامان تۈزەلسە، يامانمۇ تۈزىلەر.
  55. 55ساختا دوست، ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
  56. 56سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
  57. 57سىردىشىشىقا ئۆز ياخشى، سۆيۈشكە يات.
  58. 58سىڭمىگەن پولودىن ، سىڭمىگەن ئۇماچ ياخشى.
  59. 59سۆرەلمە پايدىدىن، ئەپچىل زىيان ياخشى.
  60. 60سۆزلىيەلمىگەن ئېغىزدىن، چاپاق باسقان كۆز ياخشى.
ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى