ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ئەمگەك ۋە ھۈنەر
116 ماقال
- 1ئاتاڭدىن دۇنيا قالغۇچە، ھۈنەر قالسۇن.
- 2ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار.
- 3ئاشنى باداڭدىن سورا ، ئىشنى كاداڭدىن.
- 4ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قولۇڭ ئىشتا بولسۇن.
- 5ئالتە ئاي ياز ئىشلەپ، قالدىم لېۋىمنى چىشلەپ.
- 6ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئارىلىشار.
- 7ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ.
- 8ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق ، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
- 9ئىتنىڭ كاساپىتى ئىتقا تېگەر، ھۇرۇننىڭ كاساپىتى ئىشچانغا.
- 10ئىش ئادەمگە باغلىق.
- 11ئىش ئىگسى بىلەن، قۇش مېڭىسى بىلەن.
- 12ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.
- 13ئىش ئۇستىسىدىن قورقار.
- 14ئىش ئېپى بىلەن، كەتمەن سېپى بىلەن.
- 15ئىش بار يەردە ئاش بار.
- 16ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ. ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
- 17ئىش قىلىشقا بېلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى بوش.
- 18ئىش پەم بىلەن، ئىشىك دەم بىلەن.
- 19ئىش ۋاقتىدا ھەييار، ئاش ۋاقتىدا تەييار.
- 20ئىشقا قاراپ تاۋىقى، ھۆنىرىگە قاراپ سىمكارى.
- 21ئىشلەتسەم-قۇلۇم، ساتسام- پۇلۇم.
- 22ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلالىساڭ قىيىنى يوق.
- 23ئىشنىڭ بېشىدا تاراقلايدۇ، ئاخىرىدا پالاقلايدۇ.
- 24ئىشى تېزنىڭ ئىشى تېز.
- 25ئىشى يوق ئىت سۇغىرار.
- 26ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
- 27ئىشىڭ تۈزەلمىسە، چۈشۈڭ تۈزەلمەس.
- 28ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
- 29ئىشچان نېنىنى يەر، ھورۇن بېشىنى.
- 30ئىشچاندىن تەر چىقىپتۇ، ھورۇندىن «ئۇھ».
- 31ئۆم ئەمگەكتە ئۈنۈم بار.
- 32ئۇستا ئوۋچى ئىز تونۇيدۇ، زېرەك يىگىت قىز.
- 33ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قابىل دېھقان بوز ئاچار.
- 34ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت، ھەر مۇقامدا يورغىلار.
- 35ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزڭنى.
- 36ئېرىنچەك بىر ئىشنى ئىككى قىلار.
- 37ئەخمەقنى ئە يىبلىمەي ئىشقا سال.
- 38ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
- 39ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر.
- 40ئەمگەك قىلساڭ قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، قىلمىساڭ چاتىقىڭ.
- 41ئەمگەك قىلساڭ، يەر سېخى.
- 42ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى.
- 43باتۇر جەڭدە، ھورۇن كاڭدا.
- 44بالا-قىلغان ئىش چالا.
- 45بالىنى ئىشقا بۇيرۇ، كەينىدىن ئۆزۈڭ يۈگۈر.
- 46بوي ئىشلىمەي، قول ئىشلەر.
- 47بىرنى بىر كىم بېرەر، كۆپنى ئەمگەك.
- 48بىكار تۇرغۇچە، بىكار ئىشلە.
- 49بىكارچىنىڭ چولىسى يوق، قلغىلى ئىشى.
- 50بىلىمسىزگە ئىش يوق، ئىشسىزغا ئاش.
- 51بىلگەن بىلگىىنى ئىشلەر، بىلمىگەن بارمىقىنى چىشلەر.
- 52بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
- 53تويغۇچە يە، تەرلىگۈچە ئىشلە.
- 54تىرىشچانغا ۋاقىت يەتمەس، ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.
- 55تۆگە ئېتىز بۇزسا ھېچ گەپ يوق، توخۇ پالاقلىسا ۋاراڭ-چۇرۇڭ.
- 56تەرلىگۈچە ئىشلە، تويغۇچە يە.
- 57تەييار ئىشنىڭ بېشىغا، ئاسان كېلەر قېشىغا.
- 58خوتۇننىڭ ئوبدىنى ئېرىنى بارقار، دېھقاننىڭ ئوبدىنى يېرىنى.
- 59خوجامنىڭ قورسىقى توق، قىلغىلى ئىشى يوق.
- 60خوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.