ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 601ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزڭنى.
  2. 602ئېرىنچەك بىر ئىشنى ئىككى قىلار.
  3. 603ئېرىنچەككە بۇلۇتنىڭ سايىسى يۈك.
  4. 604ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.
  5. 605ئېرىڭدىن يامانلىماي ئەيىبىڭدىن يامانلا.
  6. 606ئېزى ھەسەل، تولىسى بىمەسەل.
  7. 607ئېسىلساڭ نارغا ئېسىل، يىقىلساڭ ناردىن يىقىل.
  8. 608ئېسىلنى ئالساڭ خاتا يوق، ئەسكىنى ئالساڭ ۋاپا.
  9. 609ئېشكىگە يارىشا توقۇمى.
  10. 610ئېشى يارىسا قاچىسىغا قارىما، قىزى يارىسا ئانىسىغا.
  11. 611ئېشىغا قاراپ تاۋىقى، ھۈنىرىگە قاراپ سىمكىرى.
  12. 612ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە.
  13. 613ئېشىكىم ئوبدان ئېشەك، كۆتۈرۈشى تۆت تال كېسەك.
  14. 614ئېشىكىڭنىڭ دمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە، قولۇڭنى ئىسىت.
  15. 615ئېشىمدا يوق پۇرچاق، پوقۇمدا نېمىش قىلار.
  16. 616ئېشىنى يەپ تاۋىقىنى چېقىپتۇ.
  17. 617ئېشەك ئالدىغا چۈشىۋالسا، ئاتنىڭ مېڭىشى بۇزۇلار.
  18. 618ئېشەك ئۆلۈۋاتسا، كۆتى غىجەك تارتىپتۇ.
  19. 619ئېشەك باينىڭ، تاغار باينىڭ، يىقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
  20. 620ئېشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى، مۈشۈك بىلمەس سۆڭەڭ قەدرىنى.
  21. 621ئېشەك دۇلدۇل بولالماس.
  22. 622ئېشەك سەمرىسە ئوقۇرىغا تېزەكلەر.
  23. 623ئېشەك كۈل تاپسا ئېغىنار.
  24. 624ئېشەك ھارسا قۇشقۇندىن كۆرىدۇ.
  25. 625ئېشەك-ئېشەكتىن قالسا، قۇلىقىنى كەس.
  26. 626ئېشەككە ئالتۇن ئېگەر توقۇلسىمۇ، يەنىلا ئېشەك.
  27. 627ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى.
  28. 628ئېشەككە مىنگەننىڭ پۇتى تىنچىماس.
  29. 629ئېشەكنى ئوتقا ھەيدىسە، پوققا يۈگىرەيدۇ.
  30. 630ئېشەكنىڭ ئۆزى تېگىشلىك بولمىغان، كۈچى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ.
  31. 631ئېشەكنىڭ ھۈنىرى ھاڭراش.
  32. 632ئېغىرلىق تاشقا يارالغان، يېنىكلىك قامغاققا.
  33. 633ئېغىرلىق-راھمانلىق، يېنىكلىك-شەيتانلىق.
  34. 634ئېغىز ئېغىزدىن قالماس.
  35. 635ئېغىز يېسە، يۈز ئۇيىلار.
  36. 636ئېغىز-ئايغاق، تىل تايغاق.
  37. 637ئېغىزدىن چىققان سۆز، يەرگە سېپىلغان سۇ.
  38. 638ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق، تىلنىڭ سۆڭىكى.
  39. 639ئېلىپ ئالتە بولماپتۇ، يەپ يەتتە.
  40. 640ئېيىتقان سۆز ئاتقان ئوق.
  41. 641ئېيىتقان يەردىن قالما، ئېيىتمىغان يەرگە بارما.
  42. 642ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم.
  43. 643ئېپىنى تاپساڭ قارمۇ كۆيىدۇ.
  44. 644ئېگىز بۇرۇننى كۆرە-كۆرە، پۇچۇق بۇرۇن كىرىپ كېتىپتۇ.
  45. 645ئېگىز تاغدا قار بولۇر، مەرد يىگىتتە ئار.
  46. 646ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقىپتۇ.
  47. 647ئېگىلمىگەنگە ئېڭىشمە.
  48. 648ئېگىلگەن باشنى قىلىچ كەسمەس.
  49. 649ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.
  50. 650ئەتىكى قۇيرۇقتىن، بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى.
  51. 651ئەتىيازدا توخۇ تويماس.
  52. 652ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچ كۈزدە كېكىردىم.
  53. 653ئەتىگەن تۇرساڭ، ئالدىڭدىن كۈن چىقار، كەچ تۇرساڭ، كەينىڭدىن تۈن.
  54. 654ئەتىگەندە كۆچەت تىكىپ، كەچتە سايىسىنى ئىزدەپتۇ.
  55. 655ئەتە كېلىڭ، ئۆگۈن كېلىڭ، ھەل بولمىسا سەۋىر قىلىڭ.
  56. 656ئەجەل كەلسە، ئەقىل ئادىشار.
  57. 657ئەخمەق ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلار.
  58. 658ئەخمەق ئەلچى ئىككى تەرەپنى بۇزار.
  59. 659ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقا ئەخمەقلىق كېرەك.
  60. 660ئەخمەق كۈندۈزى چىراغ ياقىدۇ، يېغى تۈگەپ كېچىىسى ئايغا باقىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى