ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزڭنى.

Latin · ULY
Érinseng ishingni kim qilar, uyalsang sözngni.
Кирил · USY
Еринсәң ишиңни ким қилар, уялсаң сөзңни.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2ئىشى تېزنىڭ ئىشى تېز.
  3. 3ئېرىنچەك بىر ئىشنى ئىككى قىلار.
  4. 4ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن ھارۋا قاتنايدۇ.
  5. 5سېخىينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ تۇرار، بىخىلنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ.
  6. 6بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىقىڭ شۇ، يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا چىرايلىقىڭ شۇ.
  7. 7ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  8. 8مەدداھ گەپ سېتىشتىن ئۇيالماس، ھورۇن پىت بېقىشىتىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش