ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 541ئۆگەنگەن كۆڭۈل ئۈجمە پىشقۇچە.
  2. 542ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىدىن، ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى.
  3. 543ئۇراي دېسەم يالغۇز بالام ، ئۇرماي دېسەم ياۋۇز بالام.
  4. 544ئۇرۇشقاق ئۆز سايىسى بىلەن ئۇرۇشار.
  5. 545ئۇرۇشقاق خوتۇن تۇل بولار.
  6. 546ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ ئېرى تېز قېرىيدۇ.
  7. 547ئۇرۇشنىڭ توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ.
  8. 548ئۇرۇق -تۇغقان يات بولماس، ئالتۇن -كۈمۈش دات.
  9. 549ئۇرۇق -تۇغقاننىڭ يىرىقى ياخشى، ئوتۇن -ياغاچنىڭ يېقىنى.
  10. 550ئۇرۇقۇڭنى يېگۈچە، ئۇيۇڭنى يە.
  11. 551ئۇزۇن گەپ ئۆزىنى ئۇرار، ئۇزۇن چاپان پۇتنى.
  12. 552ئۇزۇننىڭ ئارىسىدا قىسقا بار، قىسقىنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن.
  13. 553ئۇستا ئوۋچى ئىز تونۇيدۇ، زېرەك يىگىت قىز.
  14. 554ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قابىل دېھقان بوز ئاچار.
  15. 555ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت، ھەر مۇقامدا يورغىلار.
  16. 556ئۇستاز ئۇنتۇلماس.
  17. 557ئۇسسىساڭ تالقاپ كاپ ئەت.
  18. 558ئۇسسۇل ئوينىيالمىغان قىزغا، ئۆينىڭ تارلىقى باھانە.
  19. 559ئۇماچ ئىچىتىم توق، ئۆرە قوپسام يوق.
  20. 560ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
  21. 561ئۇماچقا زەدەك توغراپتۇ، پولوغا مەدەك.
  22. 562ئۇماچنىڭمۇ ئۆتنىسى بار.
  23. 563ئۇمىچى يوق مازاردىن، شەيخ زېرىكىپتۇ.
  24. 564ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق، ئېرىقتىكى سۇمۇ يوق.
  25. 565ئۇن-ماي ھەر ئۆيدە بار، ياخشى تاماق بىر ئۆيدە.
  26. 566ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ.
  27. 567ئۇنى يوق دېسەم زاڭ دەيدۇ، ھاردىم دېسەم ماڭ دەيدۇ.
  28. 568ئۇنى يوقنىڭ خۇنى يوق.
  29. 569ئۇنىغانغا يۇنۇغان.
  30. 570ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەس.
  31. 571ئۇي ئۆلتۈرگەن پالتا بوسۇغىدا قاپتۇ.
  32. 572ئۇياتسىز خوتۇن-تۇزسىز ئاش.
  33. 573ئۇياتسىز مۈشۈككە، قازاننىڭ ئېشى ئوچۇق.
  34. 574ئۇياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ.
  35. 575ئۇيانغا باق، بۇيانغا باق، ئەتىگەن تۇرۇپ قوشناڭغا باق.
  36. 576ئۇيقۇدا ئۇيات يوق.
  37. 577ئۇينىڭ مۈڭگۈزىگە ئۇرسا، تۇيىقى سىرقىرار.
  38. 578ئۇچقۇندىن قورققان تۆمۈرچى ئەمەس.
  39. 579ئۇچماس توخۇ، كۆچمەس تام.
  40. 580ئۇچىسى قىچىشقان ئېشەك تۈگمەنگە ئۆزى بارار.
  41. 581ئۇۇق-تۇغقان تېپىشار، ياتقا بالا يېپىشار.
  42. 582ئۇۋىنى چىشى قۇش ياسار.
  43. 583ئۈجمە تۈگىگەندە سوپىسوپىياڭ كەپتۇ.
  44. 584ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش.
  45. 585ئۈزۈككە كۆز كېرەك، قىزغا سۆز.
  46. 586ئۈلپىنىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق.
  47. 587ئۈمتۈلگەن ئەرگە، دەريا ئوشۇقىغا كەلمەس.
  48. 588ئۈممەتسىز پەيغەمبەر يوق، شاگىرتسىز پىر.
  49. 589ئۈمىد ياشنىتار، غەم قاقشىتار.
  50. 590ئۈمىدسىز كىشىدىن ئامەت قاچىدۇ، ئىناقسىز ئۆيدىن بەرىكەت.
  51. 591ئۈچ ئادەم بار يەردە خىزىر بار.
  52. 592ئۈچ قوي سويغان قاسساپ بوپتۇ.
  53. 593ئۈگرىنى تاشلاپ تالقان يەپتۇ، يۇرتنى تاشلاپ ئارمان.
  54. 594ئۈگرە ئەتسەڭ تۈزۈك ئەت، ئېتەلمىسەڭ ئۈزۈپ ئەت.
  55. 595ئېتى ئۇلۇغ، سۇپىرىسى قۇرۇق.
  56. 596ئېتىم يانداق، كالام تارتماس، ئىككى كېلىن بىر ئۆيگە پاتماس.
  57. 597ئېتىنى ئۇتتۇرۇپ ياياق قالدى، خوتۇنىنى ئۇتتۇرۇپ بويتاق.
  58. 598ئېتىڭنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە.
  59. 599ئېرى ماز بولسا، خوتۇنىغا كۈن يوق.
  60. 600ئېرىقنى ئويۇپ چاپ، سۇنى ئويناپ تۇتۇت.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى