ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 661ئەخمەققە قىز كۆرسەتمە، موزايغا سۈت.
  2. 662ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
  3. 663ئەخمەقنى ئە يىبلىمەي ئىشقا سال.
  4. 664ئەخمەقنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن.
  5. 665ئەخمەقنىڭ چوڭ -كىچىكى يوق.
  6. 666ئەدەپلىك بالا ئويۇننى ئويۇن قىلىدۇ، ئەدەپسىز بالا ئويۇننى قۇيۇن قىلىدۇ.
  7. 667ئەر ئارسىز بولماس، يىگىت يارىسىز.
  8. 668ئەر ئۆلسە ئېتى قالار، ئات ئۆلسە ئېگىرى.
  9. 669ئەر قېرىسا ئۆزىگە بىلىنەر، خوتۇن قېرىسا ئۆزگىگە.
  10. 670ئەر قېرىسا قويغىنىنى بىلمەس، خوتون قېرىسا تويغىنىنى .
  11. 671ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار، خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.
  12. 672ئەر قەدرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدرىنى زەگەر.
  13. 673ئەر كىشى مۇز تاغ، خوتۇن ئاپتاپ.
  14. 674ئەر كىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
  15. 675ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلەر، خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار.
  16. 676ئەر يېڭىلىپ قولغا چۈشەر، قۇش يېڭىلىپ تورغا.
  17. 677ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى تېتىماس.
  18. 678ئەرزانچىنىڭ مېلى تالاشتا قالىدۇ، قىممەتچىنىڭ مېلى تالادا.
  19. 679ئەرسىز خوتۇن يۈگەنسىز ئات.
  20. 680ئەركىشى نامرات بولسا بولسۇن، قەرىزدار بولمىسۇن.
  21. 681ئەركىلىتىۋەرسەڭ ئېشەككە مۈڭگۈز چىقىدۇ.
  22. 682ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  23. 683ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم سىغار.
  24. 684ئەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، سۆزى.
  25. 685ئەرنىڭ ئېزىتقۇسى خوتۇن.
  26. 686ئەرنىڭ جەددى تۆرىدە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقىدۇ، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھتا ئولتۇرۇپ توق چىقىدۇ.
  27. 687ئەرنىڭ سۆزى بىر بولار.
  28. 688ئەرنىڭ يالغىنى- ئۆلگىنى.
  29. 689ئەزرائىل جان دېسە، بەش بالا نان دەيدۇ.
  30. 690ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دېسە، بەش تەڭگەمنى بەر دەپتۇ.
  31. 691ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتقا پۇتلاش تولا.
  32. 692ئەسكى چاپان ئىچىدە ئادەم بار.
  33. 693ئەسكى چاپان قىشتا ياخشى.
  34. 694ئەسكى چاپان يامغۇردا ياخشى، ئەسكى خوتۇن ئۆلگەندە.
  35. 695ئەسكى ھارۋا يول بۇزار، يامان ئادەم يۇرۇت.
  36. 696ئەقلى بارغا بىرلا سۆز كۇپايە.
  37. 697ئەقلى يوق باشتىن سۈيى يوق قاپاق ياخشى.
  38. 698ئەقىل بولمىسا، كۆز دېگەن تام تۆشۈكى.
  39. 699ئەقىل توزۇماس، بىلىم خورىماس.
  40. 700ئەقىل دوست، نادان دۈشمەن.
  41. 701ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا.
  42. 702ئەقىلدىن ئارتۇق بايلىق يوق.
  43. 703ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، ئەقىلسىز ئۆزگىنى.
  44. 704ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى.
  45. 705ئەقىللىق ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەخمەق چۈشىگە.
  46. 706ئەقىللىق دوستىنى ماختار، ئەخمەق خوتۇنىنى.
  47. 707ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
  48. 708ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۈك.
  49. 709ئەل بار يەردە، ئەر بار.
  50. 710ئەل بار يەردە، گەپ بار.
  51. 711ئەل باسمىغان يەردە كۆپ يۈرمە.
  52. 712ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي.
  53. 713ئەل تىنچ،مەن تىنچ.
  54. 714ئەل قوزغالسا، تەخت غۇلار.
  55. 715ئەل پۈۋ دېسە، بوران چىقىدۇ.
  56. 716ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالۋاڭنىڭ كۈلكىسى چىقار.
  57. 717ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس.
  58. 718ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك.
  59. 719ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
  60. 720ئەلگەككە چىقىپ ئەرگە تېگىپتۇ.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى