ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 481ئۆزۈڭ يېمىسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقۇر تېنىڭنى.
- 482ئۆزۈڭدە يوق- ئالەمدە يوق.
- 483ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي.
- 484ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە، كۈچۈڭنى خار قىل.
- 485ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
- 486ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر.
- 487ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.
- 488ئۆزۈڭگە ياقمىغاننى كىشىگە تاڭما.
- 489ئۆكۈر بىلەن باراۋەر بولىمەن دەپ، پاقا يېرىلىپ كېتىپتۇ.
- 490ئۆكۈرنى كاردىن چىقارغان بويۇنتۇرۇق.
- 491ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار.
- 492ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك.
- 493ئۆلىمەن دېسە، مىنىۋالاي دەيدۇ.
- 494ئۆلگەندىن كېيىن يىغلىغۇچە، ئۆلمەستىن بۇرۇن سەۋەب قىل.
- 495ئۆلگەندىن كېيىن« ياسىن»نىڭ نېمە پايدىسى.
- 496ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولماس.
- 497ئۆلۈك چىققان ئۆيدە، ئۈچ كۈنگىچە سۆز-چۆچەك.
- 498ئۆلۈككە يىغلا، تىرىكنى ئاسرا.
- 499ئۆلۈككە يىغلىغان ئىسىت يېشىم.
- 500ئۆلۈكنىڭ قولىنى ئۆتنە ئاپتۇ.
- 501ئۆلۈكنىڭ كۆزى يامان، ئۇرۇشقاقنىڭ سۆزى.
- 502ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا.
- 503ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق.
- 504ئۆلۈمنىڭ چوڭىمۇ-كىچىگىمۇ ئۆلۈم.
- 505ئۆلەر ئىت پالتىدىن قوقماس.
- 506ئۆلەرمەن ئېشەك يېتىپ تېپەر.
- 507ئۆلەي تورپاق ئۆلدى، بار كېپەكنى يەپ بولدى.
- 508ئۆم ئەمگەكتە ئۈنۈم بار.
- 509ئۆمرۈڭ ئۆتەر، ھۆسنۈڭ ئۆچەر.
- 510ئۆمىلەپ كىرگەن دومىلاپ چىقار.
- 511ئۆمۈر- ئاتقان ئوق.
- 512ئۆمۈچۈك ئۆمىلەيدۇ، ئۆمىلىگەننى كۆرەلمەيدۇ.
- 513ئۆي ئالما، قوشنا ئال.
- 514ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
- 515ئۆي تۇتساڭ بالادا قالدىڭ، تۇتمىساڭ تالادا.
- 516ئۆي تۇتماس خوتۇننىڭ جېدىلى تولا.
- 517ئۆيدىكى گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ.
- 518ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەس.
- 519ئۆيدىن ئۆيگە كۆچسەڭ، ئوغلاقلىق ئۆچكىگە زىيان.
- 520ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما، ساھىبخاننىڭ تەرىگە قارا.
- 521ئۆينىڭ چوڭى بولمىسا، ئۆچكىنىڭ ئېتى ئابدۇراخمان.
- 522ئۆيگە ئوغرى كىرگەندە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
- 523ئۆيگە كىرگەن قۇرۇق چىقماس، كۆرگە كىرگەن تىرىك.
- 524ئۆيۈم ھېيىتتىكىدەك بولسا، ئېرىم توي كۈنىدىكىدەك بولسا.
- 525ئۆيۈمدە بىر نان يوق، ئېتىم مارجان بۈۋى.
- 526ئۆيۈڭ ئۆستەڭ بويىدا بولسا، قاپىقىڭ قۇرۇق قالماس.
- 527ئۆيۈڭدىكى ئەھۋالنى قوشناڭدىن سورا.
- 528ئۆيۈڭنى گۈل قىلغانمۇ خوتۇن، كۈل قىلغانمۇ خوتۇن.
- 529ئۆپكىسى تۈگەپ كانىيى قالدى.
- 530ئۆپكىسىنى ئىچىدىن قېقىپتۇ.
- 531ئۆچ كۆرسەڭ ئۆچەكىشىدۇ، تار يەردە تىرەجىشىدۇ.
- 532ئۆچ كۆرگەننى ئوتتۇز قېتىم كۆرۈپتۇ.
- 533ئۆچكىنى ئۆز ئايىغى بىلەن ئاسار.
- 534ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھويت-ھويت.
- 535ئۆچكىنىڭ مويى تۈگىمەس، بەڭگنىڭ ئۆيى.
- 536ئۆچكىگە جان قايغۇسى، قاسساپقا ياغ قايغۇسى.
- 537ئۆچكىگە چىگىت بېرىپلا قۇيرۇقىنى سىلاپتۇ.
- 538ئۆچكە تاغدا پۇل، ئۈزۈم باغدا.
- 539ئۆچىدىغان چىراغنىڭ يورۇقى پەس.
- 540ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگۈچە قالماس.