ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئەتىگەن تۇرساڭ، ئالدىڭدىن كۈن چىقار، كەچ تۇرساڭ، كەينىڭدىن تۈن.

Latin · ULY
Etigen tursang, aldingdin kün chiqar, kech tursang, keyningdin tün.
Кирил · USY
Әтигән турсаң, алдиңдин күн чиқар, кәч турсаң, кәйниңдин түн.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئەتىيازدا قۇيماق يەپ، كەچ كۈزدە كېكىردىم.
  2. 2ئادەم يەرنى ئالدىمىسا، يەر ئادەمنى ئالدىماس.
  3. 3كالىنىڭ گۆشى بىر كۈن، سۈتى ھەر كۈن.
  4. 4ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە.
  5. 5بىر كۈن بۇرۇن تېرىساڭ، ئون كۈن بۇرۇن يىغىسەن.
  6. 6كۈن چىقمىسىمۇ كەچ بولىدۇ.
  7. 7شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ، ئالدى-كەينىنىڭ پەرقى يوق.
  8. 8مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش