ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.

Latin · ULY
Égilgen'ge égil béshing yerge tegküche, ghadayghan'gha ghaday béshing kökke yetküche.
Кирил · USY
Егилгәнгә егил бешиң йәргә тәгкүчә, ғадайғанға ғадай бешиң көккә йәткүчә.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
  2. 2بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ.
  3. 3ئوغرى تۇتۇلسا يەرگە قارايدۇ، جالاپ تۇتۇلسا كۆككە.
  4. 4تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت.
  5. 5يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە، بېشى تاشقا تېگىدۇ.
  6. 6غونىجىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.
  7. 7يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  8. 8ئىشنىڭ بېشىدا تاراقلايدۇ، ئاخىرىدا پالاقلايدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش