ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئېيىتقان يەردىن قالما، ئېيىتمىغان يەرگە بارما.

Latin · ULY
Éyitqan yerdin qalma, éyitmighan yerge barma.
Кирил · USY
Ейитқан йәрдин қалма, ейитмиған йәргә барма.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
  2. 2داننى بۇ يەردىن يەپ، باشقا يەردە تۇخۇملاپتۇ.
  3. 3خەلق ئېيىتماس، ئېيىتسا خاتا بولماس.
  4. 4كۈندۈزى ناخشا ئېيىتقان دەردى بار كىشى، كېچىسى ناخشا ئېيىتان يارى بار كىشى.
  5. 5راست ئېيىتقان قۇتۇلار، يالغان ئېيىتقان تۇتۇلار.
  6. 6كېچىسى ئېيىتقان سۆز خوتۇننىڭ راست، كۈندۈزى ئېيىتقان سۆز ئانىنىڭ راست.
  7. 7دوست چىللىسا قالما، دۈشمەن چىللىسا بارما.
  8. 8ئادەم قىچقارسا بارمايمەن، ئاش قىچقارسا قالمايمەن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش