ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئەخمەق بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇشقا ئەخمەقلىق كېرەك.

Latin · ULY
Exmeq bilen sözliship olturushqa exmeqliq kérek.
Кирил · USY
Әхмәқ билән сөзлишип олтурушқа әхмәқлиқ керәк.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1سۆزلىگەن ئەخمەق بولسىمۇ، ئاڭلىغان ئەقىللىق بولسۇن.
  2. 2قىڭغىر ئولتۇرساڭمۇ تۈز سۆزلە.
  3. 3ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن، ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن.
  4. 4كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
  5. 5ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە.
  6. 6ئادەمنى گەپ بىلەن ئالدايدۇ، قۇشنى يەم بىلەن.
  7. 7سۆز بىلەن پولو پىشماس، ماي بىلەن گۈرۈچ لازىم.
  8. 8ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل، كالا سۈتى بىلەن كىرمەس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش