ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.

Latin · ULY
Bay tola yése, xordan deydu, namrat tola yése, opqan deydu.
Кирил · USY
Бай тола йесә, хордан дәйду, намрат тола йесә, опқан дәйду.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا، نامراتقا پۇتلاش تولا.
  2. 2باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
  3. 3كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ قەرزى تولا، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ ئەرزى تولا.
  4. 4قورساق دېگەن شىرە، يېسە-يېسە كىرە.
  5. 5ئاچ قورساققا يېسە مېغىز تېتىيدۇ، توق قۇرساققا يېسە سېغىز.
  6. 6ئۇنى يوق دېسەم زاڭ دەيدۇ، ھاردىم دېسەم ماڭ دەيدۇ.
  7. 7خۇمداندا خىش تولا، قىلاي دېسەم ئىش تولا.
  8. 8ھۈنەرۋەن باي بولماس، قورسىقىنى ئاچ قويماس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش