ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟

Latin · ULY
Bay kiyse mubarek bolsun! Kembeghel kiyse nedin alding?
Кирил · USY
Бай кийсә мубарәк болсун! Кәмбәғәл кийсә нәдин алдиң?

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1باي بولسا بۆلۈپ بەرمەس، گاداي بولسا ئۆلۈپ.
  2. 2بالا بولسا شوخ بولسا، بولمىسا يوق بولسا.
  3. 3ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم.
  4. 4باي قەيەردە بولسا، ۋاي شۇ يەردە.
  5. 5كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
  6. 6باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
  7. 7قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.
  8. 8باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش