ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەگار بىلۇر.

Latin · ULY
Altunning qedrini zegar bilur.
Кирил · USY
Алтунниң қәдрини зәгар билур.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسۇن، ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن.
  2. 2ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  3. 3ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنىچى ئايدا كالتە چاپان.
  4. 4ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ قەدرىنى.
  5. 5ئېشەك بىلمەس تۆشەك قەدرىنى، مۈشۈك بىلمەس سۆڭەڭ قەدرىنى.
  6. 6ئەر قەدرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدرىنى زەگەر.
  7. 7ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
  8. 8سەۋرنىڭ تۈۋى سېرىق ئالتۇن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش