ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.

Latin · ULY
Bay balisi on beshke kirse bash, kembeghel balisi ottuzgha kirsimu yash.
Кирил · USY
Бай балиси он бәшкә кирсә баш, кәмбәғәл балиси оттузға кирсиму яш.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
  2. 2بالىلىقنىڭ كۆڭلى ياش، بالىسىزنىڭ كۆڭلى تاش.
  3. 3بىر ئاتا ئون بالىنى باقار، ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماس.
  4. 4قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.
  5. 5باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
  6. 6باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
  7. 7باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟
  8. 8كەمبەغەل ئىشلەپ ھارماس، باي چىشلەپ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش