ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئاغرىق كۈچۈيسە جېنىڭنى ئالار، دەۋا كۈچەيسە پۇلۇڭنى.

Latin · ULY
Aghriq küchüyse jéningni alar, dewa kücheyse pulungni.
Кирил · USY
Ағриқ күчүйсә җениңни алар, дәва күчәйсә пулуңни.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1دەۋا كەچەيسە پۇلۇڭنى ئالار، ئاغرىق كۈچەيسە جېنىڭنى.
  2. 2چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، چىش ئاغرىقىغا ئادەم ئۆلمەس.
  3. 3چىش ئاغرىقى ئاغرىق ئەمەس، كىشى كېلىپ ھال سورىماس.
  4. 4كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس، مەيدە ئاغرىتقان ئاش.
  5. 5كۆزۈڭ ئاغرىسا قولۇڭنى تارت، قورسىقىڭ ئاغرىسا نەپسىڭنى.
  6. 6ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس.
  7. 7مەيدە ئاغرىتقان ئاش ئەمەس، كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست.
  8. 8قەرز سوزۇلسا قالىدۇ، ئاغرىق سوزۇلسا ئالىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش