ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئابرۇيىڭنى ئالتۇنغا ئال، جاننى كېپەككە سات.

Latin · ULY
Abruyingni altun'gha al, janni képekke sat.
Кирил · USY
Абруйиңни алтунға ал, җанни кепәккә сат.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1مالنى كېپەككە ئال، باققۇچىنى ئالتۇنغا.
  2. 2ئالتۇن بېشىڭ ئامان بولسۇن، ئالتۇن قاچىدا سۇ ئىچەرسەن.
  3. 3ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنىچى ئايدا كالتە چاپان.
  4. 4ئابرۇينى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولماس.
  5. 5ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
  6. 6سەۋرنىڭ تۈۋى سېرىق ئالتۇن.
  7. 7بىر پاتمان ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر پاتمان يېرىڭ بولسۇن.
  8. 8سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش