ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.

Latin · ULY
Bay gösh yése, qarnigha kirer, kembeghel gösh yése chishigha.
Кирил · USY
Бай гөш йесә, қарниға кирәр, кәмбәғәл гөш йесә чишиға.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.
  2. 2قورساق دېگەن شىرە، يېسە-يېسە كىرە.
  3. 3گۆشنى يېسەڭ چىشىڭغا كىرەر، يېمىسەڭ چۈشۈڭگە.
  4. 4كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
  5. 5باي بالىسى ئون بەشكە كىرسە باش، كەمبەغەل بالىسى ئوتتۇزغا كىرسىمۇ ياش.
  6. 6قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.
  7. 7باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
  8. 8باي كىيسە مۇبارەك بولسۇن! كەمبەغەل كىيسە نەدىن ئالدىڭ؟

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش