ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 421ئىككى ياخىشى بىر بولسا تىنىچلىق تىلەيدۇ، ئىككى يامان بىر بولسا پىچاق بىلەيدۇ.
  2. 422ئىككى يەڭگە ئەپ ئەمەس، ئۆپكە-قېرىن گۆش .
  3. 423ئىلىمسىز ئادەم مېۋىسىز دەرەخ.
  4. 424ئىلىملىك نۇر، ئىلىمسىز خور.
  5. 425ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت.
  6. 426ئىنسانغا دوستلۇق، ئۆمۈرگە ياشلىق.
  7. 427ئىنساپ قالمىدى چوڭدا، ئىشتان قالمىدى قوڭدا.
  8. 428ئىنەككە ساغىدۇ ئانىكام، قايمىقىنى يەيدۇ بالىكام.
  9. 429ئىچ ئات تارتسا يانداق تارتماس، ئايغىر تارتسا بايتال تارتماس.
  10. 430ئىچ سىرىڭنى ئاتاڭغا ئېيتما.
  11. 431ئىچتىم شاراب، بولدۇم خاراب.
  12. 432ئىچى تارنىڭ كۆڭلى تىنماس، ئېشەك مىنگەننىڭ پۇتى.
  13. 433ئىچى تارنىڭ گۆرى تار.
  14. 434ئىگىسىنى ياخشى كۆرسەڭ، ئىتىغا سۆڭەك تاشلا.
  15. 435ئۆتكۈر سۆز-ئاتقان ئوق.
  16. 436ئۆتكەلدىن ئۆتسەڭ ئاۋۋال ئۆت، كېيىن ئۆتسەڭ يول تايغاق.
  17. 437ئۆتكەمىدىن ئۆتۈپ، غەلۋىردە توختاپتۇ.
  18. 438ئۆتكەن ئۆمۈر-ئاققان سۇ.
  19. 439ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما.
  20. 440ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا.
  21. 441ئۆتمەس پىچاق قول كېسەر.
  22. 442ئۆتۈكى يىرتىق تۆرگە چىقالماس، يېڭى يىرتىق ئاش يېيەلمەس.
  23. 443ئۆتۈڭ تار بولسا، جاھاننىڭ كەڭلىكىنىڭ نېمە پايدىسى.
  24. 444ئۆردەككە سۇ يۇقماس.
  25. 445ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يېسەڭ، غازنىڭ پېيىدا بول.
  26. 446ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولار.
  27. 447ئۆز ئاناڭ كەلمەيدۇ، ئۆگەي ئاناڭ ئۆلمەيدۇ.
  28. 448ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى.
  29. 449ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە-كۈندۈز غېمىنى يە.
  30. 450ئۆز سايىسىگە قاراپ مۇشت ئېتىپتۇ.
  31. 451ئۆز كۈچىگە تايىنىپدىن نان تاپساڭ، كوچىغا چىقىپ يە.
  32. 452ئۆز نەپسىدىن كەچمىگۈچە، كىشىنى خۇش قىلغىلى بولماس.
  33. 453ئۆزلۈككە ئارتۇق، تۆپىلىككە تارتۇق.
  34. 454ئۆزى ئۆلۈپ، ئۆزى يىغلاپتۇ.
  35. 455ئۆزى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.
  36. 456ئۆزى ئۈچۈن ئۇخلىغان، كىشى ئۈچۈن چۈش كۆرەر.
  37. 457ئۆزى بولالمايدۇ، بولغاننى كۆرەلمەيدۇ.
  38. 458ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويماس.
  39. 459ئۆزى قوڭغۇزدەك، گىېپى توڭگۇزدەك.
  40. 460ئۆزى كەتكەن يارەي، ئۆزى كەلگەن يارەي.
  41. 461ئۆزى مۇزلۇقنىڭ گېپى تۇزلۇق.
  42. 462ئۆزى ياۋاش، ئاغزى بەڭۋاش.
  43. 463ئۆزى يوقنىڭ كۆزى يوق.
  44. 464ئۆزىدىن خورىكى چوڭ.
  45. 465ئۆزىنى بىلگەن خار ئەمەس.
  46. 466ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ.
  47. 467ئۆزىنى سورىغان يۇرت سوراپتۇ.
  48. 468ئۆزىنىڭ ئۆزىگە، توپىسى كۆزىگە.
  49. 469ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆزۈنمەس.
  50. 470ئۆزىنىڭ سايىسىگە ئۆزى مۇشت ئېتىپتۇ.
  51. 471ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىپتۇ.
  52. 472ئۆزڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىنى شىر چاغلا.
  53. 473ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە.
  54. 474ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا.
  55. 475ئۆزۈم يېسەم سېسىق ئېشىم، كىشىگە بەرسەم ئىسىت ئېشىم.
  56. 476ئۆزۈمدىن ئۆتكەن، قولۇمدىن كەتكەن.
  57. 477ئۆزۈمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپىمەن، پالاسقا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن.
  58. 478ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈلەرسەن، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆلەرسەن.
  59. 479ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ؟ گېپىڭ تۈز بولسۇن.
  60. 480ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى قوي.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى