ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ.

Latin · ULY
Özini sorighan qazi aldigha barmaptu.
Кирил · USY
Өзини сориған қази алдиға бармапту.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆزۈنمەس.
  2. 2ئادەم يەرنى ئالدىمىسا، يەر ئادەمنى ئالدىماس.
  3. 3كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  4. 4ئۆزى ئۆلۈپ، ئۆزى يىغلاپتۇ.
  5. 5بېخىلدىن نان سورىغىنىڭ جان سورىغىنىڭ.
  6. 6مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى.
  7. 7ئۆزىنىڭ سايىسىگە ئۆزى مۇشت ئېتىپتۇ.
  8. 8بوينى ئۇزۇندىن سورىساڭ، تۆگىدىن سورا، ساقىلى ئۇزۇندىن سورىساڭ، ئۆچكىدىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش