ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 361ئىتتىن سۆڭەككە قەرزدار، چاشقاندىن كېپەككە.
  2. 362ئىتتىن قورققان گاداي ئەمەس.
  3. 363ئىتقا ئۇيات كىرسە، ئۇلتاڭ يېمەس.
  4. 364ئىتقا گۆش بەرسەڭ توپىغا مىلەپ بەر.
  5. 365ئىتمىكىن دېسەم قۇيرۇقى يوق، كالىمىكىن دېسەم مۈڭگۈزى.
  6. 366ئىتنى ئەركىلەتسەڭ ئاغزىڭنى يالايدۇ.
  7. 367ئىتنى سۆڭەك بىلەن ئۇرساڭ ھاۋشىماس.
  8. 368ئىتنى قاۋايدۇ دەپ ئاغزىنى كەسكىلى بولماس.
  9. 369ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە، دەريا سۈيى بۇلغانماس.
  10. 370ئىتنىڭ ساددىلىقىدىن تۈلكە تۆرىگە چىقىۋاپتۇ.
  11. 371ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس.
  12. 372ئىتنىڭ كاساپىتى ئىتقا تېگەر، ھۇرۇننىڭ كاساپىتى ئىشچانغا.
  13. 373ئىتنىڭ كۆڭلى سۆڭەكتە.
  14. 374ئىززەت تاپاي دېسەڭ خىزمەت قىل.
  15. 375ئىززەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت.
  16. 376ئىسلىق ئۆيۈم-ئىسسق ئۆيۈم.
  17. 377ئىش ئادەمگە باغلىق.
  18. 378ئىش ئىگسى بىلەن، قۇش مېڭىسى بىلەن.
  19. 379ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە.
  20. 380ئىش ئۇستىسىدىن قورقار.
  21. 381ئىش ئېپى بىلەن، كەتمەن سېپى بىلەن.
  22. 382ئىش بار يەردە ئاش بار.
  23. 383ئىش بىلمەس كەشتىچى بوپتۇ. ئاش بىلمەس ئۈگرىچى.
  24. 384ئىش قىلىشقا بېلى بوش، گەپ قىلىشقا ئاغزى بوش.
  25. 385ئىش پەم بىلەن، ئىشىك دەم بىلەن.
  26. 386ئىش ۋاقتىدا ھەييار، ئاش ۋاقتىدا تەييار.
  27. 387ئىشتانسىز ئىشتىنى يىرتىقتىن كۈلۈپتۇ.
  28. 388ئىشتانسىزنىڭ چۈشىدە ئىككى غىرىچ بۆز كىرىپتۇ.
  29. 389ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن.
  30. 390ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس.
  31. 391ئىشقا قاراپ تاۋىقى، ھۆنىرىگە قاراپ سىمكارى.
  32. 392ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك.
  33. 393ئىشقى يوق ياردىن، ئىسسىق ئوچاق ياخشى.
  34. 394ئىشلىقنىڭ ئىىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر.
  35. 395ئىشلىگەن چىلىق-چىلىق، ئىشلىمىگەن قۇرغاقچىلىق.
  36. 396ئىشلەتسەم-قۇلۇم، ساتسام- پۇلۇم.
  37. 397ئىشنىڭ ئاسىنى يوق، قىلالىساڭ قىيىنى يوق.
  38. 398ئىشنىڭ بېشىدا تاراقلايدۇ، ئاخىرىدا پالاقلايدۇ.
  39. 399ئىشى تېزنىڭ ئىشى تېز.
  40. 400ئىشى يوق ئىت سۇغىرار.
  41. 401ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق.
  42. 402ئىشىتن قاچساڭ قورساققا تۇتۇلىسەن.
  43. 403ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ، سوراپ كىر.
  44. 404ئىشىكتىن موردا چىقسا، تۈڭلۈكتىن سەۋر كىرەر.
  45. 405ئىشىڭ تۈزەلمىسە، چۈشۈڭ تۈزەلمەس.
  46. 406ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
  47. 407ئىشچان نېنىنى يەر، ھورۇن بېشىنى.
  48. 408ئىشچاندىن تەر چىقىپتۇ، ھورۇندىن «ئۇھ».
  49. 409ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ.
  50. 410ئىككى ئات تېپىشسە، ئارىدا قالغان ئېشەك ئۆلەر.
  51. 411ئىككى ئۆينىڭ قۇرغۇنى بىر ئۆيگە ئاش بولار.
  52. 412ئىككى باشنى قوشماق ساۋاب، ئايرىماق گۇناھ.
  53. 413ئىككى تاۋۇزنى بىر قولتۇققا قىسقىلى بولماس.
  54. 414ئىككى قاغا پوق تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا.
  55. 415ئىككى قوچقار ئۈسۈشكەندە، بۆرىنىڭ قورسىقى ئاچىدۇ.
  56. 416ئىككى قوچقارنىڭ بېشى، بىر قازاندا قاينىماس.
  57. 417ئىككى قېلىچ بىر غىلاپقا سىغماس.
  58. 418ئىككى كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار، بىرى ياخشى تىۋىپ، بىرى ياخشى يار.
  59. 419ئىككى كېمىنىڭ قۇيرۇقىنى، تۇتقان سۇغا چۆكەر.
  60. 420ئىككى نان تاپسا بىرىنى داپ چالىدۇ.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى