ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئۆزۈڭ نېمە يېسەڭ، دوستۇڭغا شۇنى قوي.

Latin · ULY
Özüng néme yéseng, dostunggha shuni qoy.
Кирил · USY
Өзүң немә йесәң, достуңға шуни қой.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  2. 2چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
  3. 3دوستقا دوست كېرەك، ھېساپقا دۇرۇس كېرەك.
  4. 4پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
  5. 5دوستنىڭ دوستلۇقى، باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
  6. 6ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  7. 7پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
  8. 8ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن، دوستسىز قالار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش