ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 301ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
- 302ئوغلى بار ئوغلىدىن كۈلمە، قىزى بار قىزدىن.
- 303ئوغلى بارنىڭ ئۆزى بار، قىزى بارنىڭ ئىزى.
- 304ئوغلى غورا يېسە، دادىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
- 305ئوغلۇم يەپ ئوۋغا چىقتى، قىزىم يەپ قىرغا.
- 306ئوغلۇڭ ئۆسسە ئۇلۇغلار بىلەن قوشنا بول، قىزىڭ ئۆلسە خىللىقلار بىلەن قوشنا بول.
- 307ئوغۇت يىغساڭ تاتىلاپ، ھوسۇل ئالساڭ قاچىلاپ.
- 308ئوغۇل -تاغقا ئوخشار، قىز- ئالمىغا.
- 309ئوغۇل بالا تۇغۇلسا ئۆيۈڭگە بىر پەرىشتە قونار، قىز بالا تۇغۇلسا يەتمىش پەرىشتە.
- 310ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ.
- 311ئوق يەتمىگەن يەرگە قىلىچ شىلتىما.
- 312ئوقۇغان ئۇزار، ئوقۇمىغان توزار.
- 313ئولتۇرسا ئوچاقنى ئۆرۈپتۇ، قوپسا مورىنى.
- 314ئولتۇرۇۋەرسەڭ تاشمۇ ئىسسىيدۇ.
- 315ئولتۇۇرپ يېسەڭ تاغمۇ توشىمايدۇ.
- 316ئون ئىتقا يېگۈزگەندىن، بىر بۆرىگە يېگۈزگەن خوپ.
- 317ئون بارماق بىردەك ئەمەس.
- 318ئون باشلىقنىڭ مۇڭى باشقا.
- 319ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار.
- 320ئون تونۇشتۇرۇشتىن بىر تونۇش ئەلا.
- 321ئون تۇغۇتتىن بىر چۈشۈك يامان.
- 322ئون خوجايىندىن بىر يالاقچى يامان.
- 323ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
- 324ئويغاقنى زورلاپ ئۇخلاتقىلى بولماس.
- 325ئويلسام دىلىم كۆيىدۇ، سۆزلىسەم تىلىم.
- 326ئويلىماي قىلغان ئىشىڭدا، كۈندە غۇۋغا قېشىڭدا.
- 327ئويلىمىغان يەردىن، تۇغۇلمىغان توشقان چىقىپتۇ.
- 328ئويماقسىز خوتۇن بولماس، تىغسىز ئەر.
- 329ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە.
- 330ئوينىمايدىغان جۇۋان يوق، قاينىمايدىغان قازان.
- 331ئويۇننى قەيەردە ئوينىساڭ، يىغاڭنى شۇ يەردە يىغلا.
- 332ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق ، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
- 333ئوڭ قولۇم، سول قولۇم، ئىككىلىسى ئۆز قولۇم.
- 334ئوڭ قولۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلسە، سول قولۇڭ بىلەن تۇتۇۋال.
- 335ئوڭ كاچىتىڭغا ئۇرغاندا، سول كاچىتىڭنى تۇتۇپ بەر.
- 336ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزۈڭگە دۈشمەن.
- 337ئوڭدا ياتقان گىردە يەيدۇ، كەتمەن چاپقان جىگدە.
- 338ئىت ئىتلىقىنى قىلمىسا كۆڭلى تىنماس.
- 339ئىت ئىتنى بۇيرۇسا، ئىت قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
- 340ئىت ئىگسى بىلەن كۈچلۈك.
- 341ئىت ئىگىسىنى چىشلىمەس.
- 342ئىت ئېتەكتىن ئالار، خوتۇن ياقىدىن.
- 343ئىت بىلەن ئاغىنە بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
- 344ئىت بىلەن سايە تالىشىپتۇ، مۈشۈك بىلەن تۆر.
- 345ئىت بىلەن يولداش بولساڭ، قولۇڭدىن تاياق چۈشمىسۇن.
- 346ئىت تويغان يېرىدە ئۇخلار، قۇش قونغان يېرىدە.
- 347ئىت سۆڭەك يېسە، كۆتى بىلەن كېڭىشەر.
- 348ئىت سەمرىسە ئىگىسىنى چىشلەر.
- 349ئىت قاۋىغان يەردە ئادەم بار.
- 350ئىت قىلغاننى ئىت ئىگىسى قىلمايدۇ.
- 351ئىت مۈشۈكنى بۇيرۇسا، مۈشۈك قۇيرۇقىنى بۇيرۇپتۇ.
- 352ئىت ياغسىز سۆڭەك غاجىماس.
- 353ئىت يېنىدا سۆڭەك ياتماس.
- 354ئىت يەپتۇ چورۇقنى، ئۆزى يۈرۈپتۇ چورۇقسز.
- 355ئىت گادايدىن قورقىدۇ، گاداي ئىتتىن.
- 356ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر.
- 357ئىت-ۋاپا، خوتۇن -جاپا.
- 358ئىتتىرپ بەرگەننى ئىت يېمەس.
- 359ئىتتىكلىك -شەيتانلىق، ئېغىرلىق-راھمانلىق.
- 360ئىتتىن ئاشقاننى پىت يېمەس.