ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئۆزۈم يېسەم سېسىق ئېشىم، كىشىگە بەرسەم ئىسىت ئېشىم.

Latin · ULY
Özüm yésem sésiq éshim, kishige bersem isit éshim.
Кирил · USY
Өзүм йесәм сесиқ ешим, кишигә бәрсәм исит ешим.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  2. 2كىشىنىڭ ئېشىنى يېسەڭ تىلىڭ قىسقىرايدۇ.
  3. 3كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.
  4. 4خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  5. 5كۈندۈزى ناخشا ئېيىتقان دەردى بار كىشى، كېچىسى ناخشا ئېيىتان يارى بار كىشى.
  6. 6ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولساڭ، كىشىنىڭ قىزىغا ئەلچى ئەۋەتىپ كۆر.
  7. 7قورساق دېگەن شىرە، يېسە-يېسە كىرە.
  8. 8ئېشىكىڭنىڭ دمبىسىگە ئاپتاپ چۈشسە، قولۇڭنى ئىسىت.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش