ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئىشچاندىن تەر چىقىپتۇ، ھورۇندىن «ئۇھ».

Latin · ULY
Ishchandin ter chiqiptu, horundin «Uh».
Кирил · USY
Ишчандин тәр чиқипту, һорундин «Уһ».

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئىشچان نېنىنى يەر، ھورۇن بېشىنى.
  2. 2ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۈلىنى كولايدۇ.
  3. 3ئەرنىڭ جەددى تۆرىدە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقىدۇ، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھتا ئولتۇرۇپ توق چىقىدۇ.
  4. 4ھورۇن ئولتۇرۇپ ئۇخلايدۇ، يېتىپ ئىشلەيدۇ.
  5. 5ھورۇنغا ھويلىدىكى سۇمۇ يىراق.
  6. 6ھورۇنغا ئېتىزنىڭ قىرى تاغ كۆرۈنەر.
  7. 7ھورۇننىڭ ئېتىمۇ ھارغاق كېلىدۇ.
  8. 8تىرىشچانغا ۋاقىت يەتمەس، ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش