ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئىشى تېزنىڭ ئىشى تېز.

Latin · ULY
Ishi tézning ishi téz.
Кирил · USY
Иши тезниң иши тез.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن ھارۋا قاتنايدۇ.
  3. 3سېخىينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ تۇرار، بىخىلنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ.
  4. 4ئىشى يوق ئىت سۇغىرار.
  5. 5ئىش پەم بىلەن، ئىشىك دەم بىلەن.
  6. 6ئېرىنسەڭ ئىشىڭنى كىم قىلار، ئۇيالساڭ سۆزڭنى.
  7. 7خوجامنىڭ قورسىقى توق، قىلغىلى ئىشى يوق.
  8. 8لاۋا-لاتقا ئەخلەتنىڭ ئىشى، تەكەببۇرلۇق ئەخمەقنىڭ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش