ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 241ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
  2. 242ئاچلىقتىن خۇمارلىق يامان.
  3. 243ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەس، كېسەلنىڭ دەردىنى ساق.
  4. 244ئاچچىق ئالدىدا يۈرىدۇ، ئەقىل كەينىدە.
  5. 245ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.
  6. 246ئاچچىق كەلگەندە ئەقىل قاچىدۇ.
  7. 247ئاچچىق يۇتماق تاغ يۇتماق.
  8. 248ئاچچىق-تاتلىقنى تېتىغان بىلىدۇ، يىراق-يېقىننى يۈرگەن.
  9. 249ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت.
  10. 250ئاچچىقىڭ كەلسە بارمىقىڭنى چىشلە.
  11. 251ئاڭلىغان بىلەن كۆرگەن بىر ئەمەس.
  12. 252ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئىگىسى يوق.
  13. 253ئاڭلىغان قۇلاققا گۇناھ يوق.
  14. 254ئاھ دېسەم ئۆپكىسى كۆرۈنەر.
  15. 255ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە.
  16. 256ئاۋۋال ئىززەت، ئاندىن زورلۇق.
  17. 257ئاۋۋال ئۆزۈڭنى تۈزلە، كېيىن ئۆزگىنى.
  18. 258ئاۋۋال تام ئەت، ئاندىن باغ.
  19. 259ئاۋۋال يول قوي، كېيىن قول قوي.
  20. 260ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ.
  21. 261ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپتۇ.
  22. 262ئوت بىلەن ئويناشقاننىڭ قولى كۆيەر.
  23. 263ئوت بىلەن سۇ تىلسىز يىغا.
  24. 264ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
  25. 265ئوتتۇرىدا قاڭشار بولمىسا، ئوڭ كۆز سول كۆزنى يەيدۇ.
  26. 266ئوتتۇز چىشتىن چىققان سۆز، ئوتتۇز ئەلگە تاارپتۇ.
  27. 267ئوتقا قاراپ تۆمۈر سوق.
  28. 268ئوتقا كەلگەن خوتۇننىڭ ئوتتۇز ئېغىز گېپى بار.
  29. 269ئوتقا چىدىغان ئوينايدۇ، پۇلغا چىدىغان چاينايدۇ.
  30. 270ئوتنى سەل چاغلىسا كۆيدۈرىدۇ، دۈشمەننى سەل چاغلىسا ئۆلتۈرىدۇ.
  31. 271ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچەر، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچەر.
  32. 272ئوتنى كىم تۇتسا، شۇنىڭ قولى كۆيەر.
  33. 273ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە، ئىچىدە كۆي.
  34. 274ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى.
  35. 275ئوتۇن يارغان پالتا ئىشىكنىڭ سىرتىدا قاپتۇ.
  36. 276ئورغاق تۇتۇپ ئاتاڭ قالغۇچە، ئويماق تۇتۇپ ئاناڭ قالسۇن.
  37. 277ئورمىنى بۆلۈم تۈگىتەر، ئادەمنى ئۆلۈم.
  38. 278ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر.
  39. 279ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز.
  40. 280ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
  41. 281ئوسمىغا ئامراققا ئەر ئامراق.
  42. 282ئوسۇرۇققا ئارپا نېنى باھانە.
  43. 283ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس.
  44. 284ئوغرى ئاسماقچى كېلەر، غالچا غەيۋەتچى.
  45. 285ئوغرى ئالغان مالغا ئىگىسى سەۋەبكار.
  46. 286ئوغرى ئۆلگۈچە«مەن ئاق»دەپ تۇرار.
  47. 287ئوغرى بولساڭ ئىنساپ بىلەن بول، تاۋىقىنى ئالساڭ قوشۇقىنى قوي.
  48. 288ئوغرى بېيىماس، تەمەخور تويماس.
  49. 289ئوغرى تۇتساڭ چوڭنى تۇت.
  50. 290ئوغرى تۇتۇلار، قىمارۋاز ئۇتۇلار.
  51. 291ئوغرى تۇتۇلسا يەرگە قارايدۇ، جالاپ تۇتۇلسا كۆككە.
  52. 292ئوغرى تۈن يېرىمىدا، پىتنىخور كۆپكۈندۈزدە.
  53. 293ئوغرى ساقچىدىن قورقىدۇ، جىن ياخشىدىن.
  54. 294ئوغرى قېرىسا سوپى بولار، جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار.
  55. 295ئوغرىدىن ۋاپا كۈتمە، ئوغىدىن شىپا.
  56. 296ئوغرىسى يوق يۇرت بولماس، بۆرىسى يوق جاڭگال.
  57. 297ئوغرىنى ئوغرى تاپار.
  58. 298ئوغرىنى قاراقچى سوقۇپتۇ.
  59. 299ئوغرىنىڭ دوستى يانچۇقچى.
  60. 300ئوغرىنىڭ كۆزى كېچىسى كۆرەر.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى