ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 1501قارىغۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭساڭ، گوداڭغا چۈشۈرسەن.
- 1502قارىغۇنىڭ كۆزى كۆرمىسىمۇ، كۆڭلى تۇيار.
- 1503قارىماي ئېتىۋېدىم، بېشىمغا تەگدى.
- 1504قارڭغۇدا قېرى خوتۇن ياش كۆرۈنەر.
- 1505قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر.
- 1506قازاغا رىزار، بالاغا سەۋر.
- 1507قازان ئالساڭ چېكىپ ئال، خوتۇن ئالساڭ بىلىپ.
- 1508قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغزىڭ بالدۇر ئاشقا تېگىدۇ.
- 1509قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈشكە شۇ چىقار.
- 1510قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى.
- 1511قازانمۇ ياغ، چۆمۈچمۇ ياغ.
- 1512قازاننىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ ياغ.
- 1513قازاننىڭ گۇۋاھچىىسى چۆمۈچ.
- 1514قازاننىڭ ھورى يامان، يىتىمنىڭ زارى.
- 1515قازىنى باشقىنىڭ قايغۇسى باشقا.
- 1516قاسساپ دوستىغا سۆڭەك بېرەر.
- 1517قاسساپ ياغ چاينايدۇ، ئاشپەز گۆش.
- 1518قاسساپقا پۇل بېرىپ، ناۋايغا قاراپتۇ.
- 1519قاسساپنىڭ پىچىقى ئەپلىك، ئاشپەزنىڭ چۆمۈچى.
- 1520قاش بىلەن كۆز جايىدا بولسا، باشقىسى بازاردا بار.
- 1521قاشا مەھكەم بولسا، تۈلكە كىرەلمەس.
- 1522قاشاڭ ئات مىنگۈچە، پىيادە ماڭ ئۆلگۈچە.
- 1523قاشاڭ ئۆردەك بالدۇر ئۇچىدۇ.
- 1524قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.
- 1525قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقۇماس.
- 1526قاغا كەكلىكنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ، ئۆز مېڭىشىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ.
- 1527قالاشنى بىلسەڭ قارمۇ كۆيىدۇ.
- 1528قالغان ئىشقا قار ياغار.
- 1529قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېسەر.
- 1530قالپاققا تۇشلۇق قىرغىز يوق.
- 1531قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار.
- 1532قانائەت-تۈگىمەس خەزىنە.
- 1533قانائەتلىك كىشىنىڭ قارنى توق.
- 1534قانائەتنىڭ ئاستى ئالتۇن.
- 1535قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس.
- 1536قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن.
- 1537قايغۇدىن كېيىنكى خۇشاللىق ياخشى، خۇشاللىقتىن كېيىنكى قايغۇ يامان.
- 1538قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ.
- 1539قاپاق سۇنسا قايغۇ يوق، قېرى ئۆلسە يىغا يوق.
- 1540قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل.
- 1541قاپاقتا نېمە بولسا، تېشىغا شۇ تەپچەر.
- 1542قاپاقنى پۇلغا ئالماي، باراڭنى پۇلغا ئاپتۇ.
- 1543قاپمۇ تەڭ، قاپچۇقمۇ تەڭ.
- 1544قاپىقى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەرنى سۈپۈرىدۇ.
- 1545قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغانغا ھۆرمەت.
- 1546قاۋىغان ئىتتىن قورقما، ئەركىلىگەن ئىتتىن قورق.
- 1547قاۋىمىغان ئىتقا تاش ئاتما.
- 1548قوتانغا بۆرە كىرسە، ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ.
- 1549قوتۇر كالىغا مۈڭگۈز ياراشماس.
- 1550قورساق ئاغرىقىڭ بولمىسا، تاۋۇز يېيىشىتىن قورقما.
- 1551قورساق توق، كۆڭۈل شوخ.
- 1552قورساق دېگەن شىرە، يېسە-يېسە كىرە.
- 1553قورساق گول، ئېغىز تېگىشلىك بولمىغانزادە.
- 1554قورساقنىڭ ئاچقىنى، ئەقىلنىڭ قاچقىنى.
- 1555قورساقنىڭ مەيلىچە بولسا،ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ بەر.
- 1556قورسىقى ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، قورسىقى توقنىڭ كۆزى ئۈستىۋاشتا.
- 1557قورققان ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرەر.
- 1558قورققان ئىت ئارقىسىغا قاراپ خىرقىرار.
- 1559قورققان مۈشۈككە چاشقان ئۇۋىسى ساراي كۆرۈنۈپتۇ.
- 1560قورققانغا قوش كۆرۈنەر، كۆلەڭگىسى بەش كۆرۈنەر.