ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1381سۇ كەلگۈچە تۇغان سال، سۇ كەلمىسە تۇغان تۇت.
  2. 1382سۇ يوق يەردە تەيەممۇم.
  3. 1383سۇ يەتتە يۇمىلىسا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ.
  4. 1384سۇ-يەرنىڭ قېنى، يەر- دېھقاننىڭ جېنى.
  5. 1385سۇدا پىشماي كىگىز بولماس، ئوتقا چۈشمەي بىگىز.
  6. 1386سۇس ئەردىن جۈش ئايال ياخشى.
  7. 1387سۇسىز ھايات بولماس، ئەمگەكسىز راھەت.
  8. 1388سۇغا بېرىپ چىلەكنى ئۇنتۇپتۇ.
  9. 1389سۇغا يىقىلغان يامغۇردىن قورقماس.
  10. 1390سۇغا يېقىن سۇچى كېلەر، چۆلگە يېقىن نوچى.
  11. 1391سۇلتان كۈندۈزنى كېچە دېسە، كۈننى ئاي دېگۈلۈك.
  12. 1392سۇنغان توقاچ يېپىشماس.
  13. 1393سۇنى كۆرمەي ئۆتەك ساپتۇ.
  14. 1394سۇنىڭ ئېقىشىغا باق، تۆگىنىڭ يېتىشىغا.
  15. 1395سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ.
  16. 1396سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر.
  17. 1397سۇنىڭ پۇلى سۇغا كەتتى، قالدى قېتىقنىڭ بەش پۇلى.
  18. 1398سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن ، قېتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچىدۇ.
  19. 1399سۈت بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار.
  20. 1400سۈتسىز ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
  21. 1401سۈتلۈك ئىنەك مەھەللىدىن ئاشماس.
  22. 1402سۈيۈم كۆلدە-ئېشىم چۆلدە.
  23. 1403سۈيۈڭ مول-ئېشىڭ مول.
  24. 1404سۈيۈڭ مول-ھوسۇلۇڭ مول.
  25. 1405سېخىي تاپسا بۆلۈپ يەر، بېخىل تاپسا بېسىپ.
  26. 1406سېخىي خەيرى قىلسا، بېخىل قان چىچار.
  27. 1407سېخىي دېسە مېلىدىن كېچىپتۇ، مەرد دېسە جېنىدىن.
  28. 1408سېخىينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ تۇرار، بىخىلنىڭ ئىشىكى يېپىلىپ.
  29. 1409سېخىينىڭ بەرگۈسى كەلسە، بېخىلنىڭ قېنى چىقار.
  30. 1410سېرىق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
  31. 1411سېرىقتالدا كەلگەن مېھمان، ئوغرى كەلگەندىنمۇ يامان.
  32. 1412سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى تۇرۇلغا تارتىۋاپتۇ.
  33. 1413سېمىز قوينىڭ ئۆمرى قىسقا.
  34. 1414سېمىزلىك ئىككى پۇتقا يۈك.
  35. 1415سېنىڭ ياشلىقىڭدىن، ئۆتۈكۈمنىڭ باشلىقى ياخشى.
  36. 1416سەت كۆرۈنگەن سارايغا تۈۋرۈك بولۇر.
  37. 1417سەتلىكىمنى بىلىندۈرمىگەن، خۇشخۇيلۇقۇم.
  38. 1418سەدىقە بالانى يەر، تۆۋا گۇناھنى.
  39. 1419سەركىسى بولمىغان پادا يولدىن ئازار.
  40. 1420سەركە ھوشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس.
  41. 1421سەكرىگەننى باس، يىقىلغاننى يۆلە.
  42. 1422سەللە بىلەن يوتقانغا كىرىپتۇ.
  43. 1423سەللە يوغان ئىمان يوق، دەرۋازا يوغان بىر نان يوق.
  44. 1424سەللە يوغان باش كىچىك، داستىخان يوغان نان كىچىك.
  45. 1425سەن ئۆل مەن ياشاي.
  46. 1426سەن بالا، مەن سالا، ئاتقا بوغۇزنى كىم سالا.
  47. 1427سەن بۆرىنى ئايىساڭ، بۆرە سېنى تالايدۇ.
  48. 1428سەن تاز دېگۈچە مەن تاز دەۋالاي.
  49. 1429سەن تاش سانىساڭ، باشقىلار قۇم سانايدۇ.
  50. 1430سەن كەلسەڭ نېمە ئېلىپ كېلىسەن، مەن بارسام نېمە ئېتىپ بېرىسەن.
  51. 1431سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  52. 1432سەپەر قىلغان يول بىلەر، كۆپ كۆرگەن مول بىلەر.
  53. 1433سەھراغا چىقسا ئېشىكىنى تونۇمايدۇ، شەھەرگە كىرسە دوستىنى.
  54. 1434سەھەردىكى چۈش ئوڭۇڭدىكى ئىش.
  55. 1435سەۋر ئەقىلنىڭ بەلگىسى.
  56. 1436سەۋر قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتەر.
  57. 1437سەۋرنىڭ تۈۋى سېرىق ئالتۇن.
  58. 1438سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەپ يەپتۇ.
  59. 1439سەۋىرلىك چىدار، سەۋىرسىز يىغلار.
  60. 1440سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى