ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 1441سەۋەپىسز ئىش يوق.
- 1442شاخىنىچى كالا خاماننى بۇلغايدۇ.
- 1443شار-شار يامغۇر ياندىن ئۆتەر، سىم-سىم يامغۇر جاندىن.
- 1444شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ، ئالدى-كەينىنىڭ پەرقى يوق.
- 1445شالاڭ ئاش باش كۆرسىتەر، قويۇق ئاش چەش.
- 1446شام ئۆز يىپىنى كۆيدۈرەر.
- 1447شامال ئۆتۈشمەيىدىغان تام يوق.
- 1448شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىماس.
- 1449شاپاققا تېيىلىپ، ئۇرۇققا زوڭ ئولتۇرۇپتۇ.
- 1450شاپتۇلدا باغ ئەتمە، ئۆچكىدە مال.
- 1451شىرنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
- 1452شېكەرنىڭ ئېزى شېرىن.
- 1453شەرتى كېتىپ، پەرتى قالدى.
- 1454شەرىئەتنىڭ مىڭ بىر پۇتىقى بار.
- 1455شەنگىنىڭدىن قورقمايمەن، قوناقلىقتىن چىقمايمەن.
- 1456شەيخ قاچقان بىلەن مازار قاچماس.
- 1457شەھەر ئالىمەن دەپ شەرمەندە بوپتۇ.
- 1458غاز كەلدى، ياز كەلدى. غاز كەتتى، ياز كەتتى.
- 1459غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى.
- 1460غورا بولماي مېغىز بولماس.
- 1461غورا غورىنى كۆرسە ئالا بوپتۇ.
- 1462غونىجىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.
- 1463غۇلاچقا چىداپ، غېرىچقا چىدىماپتۇ.
- 1464غۇلىچى تۈگەپ، غېرىچى قاپتۇ.
- 1465غېرىبنىڭ ھالىغا غېرىب يېتەر.
- 1466غېرىچقا ئېرىشىپ، غۇلاچقا تىكىلىپتۇ.
- 1467غەرەزدىن غەرەز تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرزە تۇغۇلار.
- 1468غەم باسسا، غەپلەتمۇ باسار.
- 1469غەم قىلغۇچە، پەم قىل.
- 1470غەم-قايغۇ كېسەل قىلىدۇ، خۇشاللىق داۋالايدۇ.
- 1471غەم-قايغۇسىز ئادەم سۇ ئىچسىمۇ سەمرىيدۇ.
- 1472غەمىسزنىڭ پەرۋايى پەلەك.
- 1473غەيرەتلىك ئەردىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس.
- 1474غەيرەتلىك بولسا، يۇلتۇز سانايسەن.
- 1475غەيرەتلىك كىشى تاغنى قۇم قىلار.
- 1476غەيۋەت ئۆيۈمنى بۇزدى، مۇسىبەت كۆڭلۈمنى.
- 1477غەيۋەت-شىكايەت جېدەلگە دالالەت.
- 1478قاتاردىن قالغۇچە، خاتادىن قال.
- 1479قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرۇت يەيدۇ.
- 1480قاتتىق گەپ قىلساڭ، قېتىۋالىدۇ، يۇمشاق گەپ قىلساڭ يېتىۋالىدۇئ
- 1481قاتىلدىن ئىمان كەپتۇ، پالتىدىن زۇۋان.
- 1482قارا ئاقارماس، ساراڭ ساقايماس.
- 1483قارا ئېشەكنىڭ تېزىكى ئىششىققا داۋا.
- 1484قارا توخۇمۇ ئاق تۇخۇم تۇغىدۇ.
- 1485قارا كىگىز ئاقارماس.
- 1486قارادا پولۇ، يامغۇردا شورپا، بوراندا ئۇيقۇ.
- 1487قارامنىڭ بېشى تاشقا تېگەر، زېرەكنىڭ ئاغزى ئاشقا.
- 1488قاراڭغۇ يولنى قاراقچى بىلەر.
- 1489قاراڭغۇنىڭ كۆزى يوق.
- 1490قارغا ئۆلۈك كۆمگىلى بولماس.
- 1491قارلىغاچ قارلىغاچقا دان بېرىدۇ، قېرىنداش قېرىنداشقا جان بېرىدۇ.
- 1492قارلىغاچ پەس ئۇچتى، يەرگە يامغۇر چۈشتى.
- 1493قارنى يامان ھېيىتتا ئۆلەر.
- 1494قارنىم ئۈچۈن يىغلىمايمەن، قەدرىم ئۈچۈن يىغلايمەن.
- 1495قارىغۇ مۈشۈككە ئۆلۈك چاشقان ئۇچراپتۇ.
- 1496قارىغۇ ھاسىسىنى بىر قېتىم يوقىتار.
- 1497قارىغۇغا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى يوق.
- 1498قارىغۇغا يول كۆرسەتسە، ئۆزۈم تاپقان يول دەيدۇ.
- 1499قارىغۇغا چوڭ يول تار كېلەر.
- 1500قارىغۇنى ياردا قىستاپتۇ.