ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1561قورققاننى ئەجەل قوغلار.
  2. 1562قورقۇنچاق ئۆلمەي تۇرۇپ، مىڭ قېتىم ئۆلەر.
  3. 1563قورقۇنچاق ھەسەتخور بولار، نامەرد قەسەمخور بولار.
  4. 1564قورقۇنچاقتا نومۇس يوق.
  5. 1565قورقۇنچاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، باتۇرنىڭ چومىقى بول.
  6. 1566قوشتىن چىقىرىپ سۆرەمگە ساپتۇ.
  7. 1567قوشماق تەس، ئايرىلماق ئاسان.
  8. 1568قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك.
  9. 1569قوشناڭ ساڭا باقمىسا، سەن قوشناڭغا باق.
  10. 1570قوشناڭ كەلسە ئاشقا، چىرايىڭ بولمىسۇن باشقا.
  11. 1571قوشناڭ يىغلىغاندا، سەن كۈلمە.
  12. 1572قوشۇق بولۇپ يالىشىپتۇ، ئىت بولۇپ تالىشىپتۇ.
  13. 1573قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس.
  14. 1574قوغۇننىڭ ئوبدىنى ئۇزۇن پىلەكتە، چىشنىڭ ئوبدىنى تۆۋەن ئىڭەكتە.
  15. 1575قول ئىچىگە ئېگىلەر.
  16. 1576قول تەگمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
  17. 1577قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا يەڭ ئىچىدە.
  18. 1578قول قولنى تونۇيدۇ، شەرىئەت يولنى.
  19. 1579قول قولنى يۇسا، قول كېلىپ يۈزنى يۇيار.
  20. 1580قول يارىسى كېتەر، تىل يارىسى كەتمەس.
  21. 1581قول يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق.
  22. 1582قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق.
  23. 1583قولنى كەسمىگۈچە قان چىقماس.
  24. 1584قولنى چىشلىىسە ئاچچىق، قوڭنى چىشلىسە سېسىق.
  25. 1585قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق.
  26. 1586قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ.
  27. 1587قولى سۇنۇقنىڭ دەردىنى، قولى سۇنۇق بىلىدۇ.
  28. 1588قولى قاشاڭ موللىدىن، ئايىغى ئىلدام بالا ئەلا.
  29. 1589قولى قىسقىنىڭ يولى قىسقا.
  30. 1590قولى گۈل ئېتىدۇ غىزا، قولى گاس تارتىدۇ ئىزا.
  31. 1591قولۇم ئوچۇق، يۈزۈم ئاق.
  32. 1592قولۇمدىن كەلگىنى كۆڭلۈمگە ياقماس، كۆڭلۈمگە ياققىنى قولۇمدىن كەلمەس.
  33. 1593قولۇڭ ماي بولسا، قونچۇڭغا سۇۋا.
  34. 1594قولۇڭ ياغ بولسا، يېنىڭغا سۈركە.
  35. 1595قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا.
  36. 1596قولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.
  37. 1597قومۇش ئۆيۈم كۈمۈش ئۆيۈم.
  38. 1598قوناقلىققا چالما ئاتسام، كېۋەزلىك شالدىرلاپ كەتتى.
  39. 1599قوناقنى دۆڭگە تېرى، بېدىنى ئويغا.
  40. 1600قونغۇچە مېھمان ئۇيىلار، قونغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسى.
  41. 1601قوي بولسا قوزىسى بولار.
  42. 1602قوي بولۇپ مىڭ يىل ياشىغاندىن، يولۋاس بولۇپ بىر كۈن ياشا.
  43. 1603قوينى قاسساپ سويسۇن.
  44. 1604قوينى قوتاندا سات، ئاشنى باداڭدا.
  45. 1605قوينۇم ئوغرى، قونجۇم ئوغرى.
  46. 1606قوينۇڭدىن تۆكۈلسە، قونجۇڭغا چۈشەر.
  47. 1607قويچى كېچىك ئىزدىگۈچە، تۆگىچى سۇدىن ئۆتۈپ بوپتۇ.
  48. 1608قىردا بار، قىرلاشتا يوق.
  49. 1609قىرسىز يەر ئەسكى، پۇلسىز ئەر ئەسكى.
  50. 1610قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر بىر ياق.
  51. 1611قىرىق يىلدا باي بىلەن كەمبەغەل تەڭشىلىدۇ.
  52. 1612قىرىق يىلدا بىر ئېشەك ئويونى.
  53. 1613قىرىققا چىدىغان، قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ.
  54. 1614قىز بالا ئۆينىڭ گۈلى.
  55. 1615قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى.
  56. 1616قىز تەرەپتىن خەۋەر يوق، ئوغۇل تەرەپ دۇمباق چاپتۇ.
  57. 1617قىز چوڭ بولسا كۆز تولا، ئوغۇل چوڭ بولسا سۆز.
  58. 1618قىز ۋاقتىم سۇلتان ۋاقتىم، خوتۇن ۋاقتىم شەيتان ۋاقتىم.
  59. 1619قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق؛ چاقتا گۇناھ يوق، تانىسى بۇزۇق.
  60. 1620قىزدىن ئاتۇق جۇۋان بار، ئاتتىن ئارتۇق غۇنان بار.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى