ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1621قىزلىق ئۆيگە قىرىق ئات باغلىنار.
  2. 1622قىزنىڭ كۆزى ئوسمىدا،تازنىڭ كۆزى پوسمىدا.
  3. 1623قىزنىڭ كۆزى قىزىلدا.
  4. 1624قىزنىڭ ياخشىسى كېلىن بولغاندا بىلىنەر.
  5. 1625قىزى رازى بولسا، ئاتا-ئانىسىدىن سورىما.
  6. 1626قىزى يارىسا ئانىسىغا قارىما، ئېشى يارىسا قاچىسىغا.
  7. 1627قىزىق ئوچاققا تۇتۇرۇق لازىم ئەمەس.
  8. 1628قىزىل ئالما سارغايماس.
  9. 1629قىزىلگۈلنىڭ تىكىنى بار، چىرايلىقنىڭ سەپكۈنى.
  10. 1630قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا.
  11. 1631قىزىڭ ئاشىق بولسا يەرگە باق.
  12. 1632قىزىڭنى ئالغۇچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن ئۆتەي.
  13. 1633قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار.
  14. 1634قىش غېمىنى يازدا يە، ياز غېمىنى قىشتا.
  15. 1635قىشتا ئوچاق ئۆزىگە تارتار.
  16. 1636قىشنىڭ ئاپتىپى دۈشمەننىڭ كۈلكىسىچىلىك.
  17. 1637قىشنىڭ راھىتى ئوتۇن، ئەرنىڭ راھىتى خوتۇن.
  18. 1638قىشنىڭ سوغۇقى ياندىن ئۆتەر.
  19. 1639قىغسىز يەر-پۇلسىز ئەر.
  20. 1640قىلدەك ھوقۇقنىڭ پىلدەك كۈچى بار.
  21. 1641قىلغان ئىشىڭ پىلانسىز، ئاتقان ئوقۇڭ نىشانسىز.
  22. 1642قىلىچ قىنىدا ياتسا دات باسىدۇ.
  23. 1643قىلىچنىڭ كۈچىدىن قەلەمنىڭ كۈچى ئارتۇق.
  24. 1644قىلچ ئۆز قىنىنى كەسمەس.
  25. 1645قىممەتچىلىك بولسا، ساتقۇچىدا ئىنساپ يوق؛ ئەرزانچىلىق بولسا، ئالغۇچىدا ئىنساپ يوق.
  26. 1646قىمىرلىغان قىر ئاشار.
  27. 1647قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.
  28. 1648قىيىن ئىشنىڭ بېشىغا، باتۇر كېلەر قېشىغا.
  29. 1649قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇ تۈكى.
  30. 1650قىڭغىر ئولتۇرساڭمۇ تۈز سۆزلە.
  31. 1651قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر.
  32. 1652قۇدۇق قەدرى چۆلدە بىلىنەر.
  33. 1653قۇدۇق چوڭقۇر، ئارغامچا قىسقا.
  34. 1654قۇرت ياغاچنى ئىچىدىن يەر.
  35. 1655قۇرساق ئاچقاندا خام كۆمەچمۇ تاتلىق.
  36. 1656قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرالمايدۇ.
  37. 1657قۇرۇق دۇئاغا پىتمۇ ئۆلمەپتۇ.
  38. 1658قۇرۇق دۇئايى سالامغا توكۇر بارىكاللا.
  39. 1659قۇرۇق سۆڭەكتىن ياغ چىقماس.
  40. 1660قۇرۇق سۆڭەكنى ئىت غاجىماس.
  41. 1661قۇرۇق قوشۇق ئېغىز يىرتار.
  42. 1662قۇرۇق ياغاچ ئېگىلمەس.
  43. 1663قۇرۇق گەپ قۇلاققا ياقماس.
  44. 1664قۇرۇق گەپكە قورساق تويماس.
  45. 1665قۇرۇق گەپكە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقماس.
  46. 1666قۇش ئاسماندا ئۇچسا، سايىسى يەرگە چۈشەر.
  47. 1667قۇش ئۇچۇپ ھارغاندا ئۇۋىسىنى تاپار.
  48. 1668قۇش تىلىنى قۇش بىلىدۇ.
  49. 1669قۇش قانىتى بىلەن ئۇچىدۇ، پۇتى بىلەن قونىدۇ.
  50. 1670قۇش قېرىپ تورغا چۈشمەس، ئەر قېرىپ قولغا.
  51. 1671قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن.
  52. 1672قۇشقاچ قاغىنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ چاتىرقى كېرىلىپ كېتىپتۇ.
  53. 1673قۇشقاچ كىچىپ بولسىمۇ، ھەممە ئەزاسى تولۇق.
  54. 1674قۇشقاچ گۆشىمۇ گۆش.
  55. 1675قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس.
  56. 1676قۇشقاچلار قىلىدۇ چىرىك-چىرىك،ئادەملەر قىلىدۇ تىرىكچىلىك.
  57. 1677قۇشنى دان ئالدايدۇ، ئادەمنى سۆز.
  58. 1678قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ.
  59. 1679قۇغۇنلۇققا ئوغرى كىرسە، خام-پىششىقىنى تاللىماس.
  60. 1680قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى