ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى.

Latin · ULY
Qazan'gha yoluqsang qarisi yuqar, yaman'gha yoluqsang yalisi.
Кирил · USY
Қазанға йолуқсаң қариси юқар, яманға йолуқсаң ялиси.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يامانغا يولۇڭساڭ يالىىسى يۇقار، قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى.
  2. 2تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  3. 3دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
  4. 4قازاننىڭ ھورى يامان، يىتىمنىڭ زارى.
  5. 5يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  6. 6يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.
  7. 7ئاغزى يامان دەپ تويماس، نەپسى يامان يەپ تويماس.
  8. 8ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش