ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

بىتەلەي تالقان يېسە، قارنىدىن بوران چىقىپتۇ.

Latin · ULY
Biteley talqan yése, qarnidin boran chiqiptu.
Кирил · USY
Битәләй талқан йесә, қарнидин боран чиқипту.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1باي گۆش يېسە، قارنىغا كىرەر، كەمبەغەل گۆش يېسە چىشىغا.
  2. 2باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
  3. 3قورساق دېگەن شىرە، يېسە-يېسە كىرە.
  4. 4ئەل پۈۋ دېسە، بوران چىقىدۇ.
  5. 5ئاچ قورساققا يېسە مېغىز تېتىيدۇ، توق قۇرساققا يېسە سېغىز.
  6. 6خەلق«پۈۋ»دېسە بوران چىقىدۇ.
  7. 7باي تولا يېسە، خوردان دەيدۇ، نامرات تولا يېسە، ئوپقان دەيدۇ.
  8. 8ئەرنىڭ جەددى تۆرىدە ئولتۇرۇپ ئاچ چىقىدۇ، خوتۇننىڭ جەددى پەگاھتا ئولتۇرۇپ توق چىقىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش