ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

بىر خوتۇننىڭ ھىيلىسى، قىرىق ئەرنىڭ ھىيلىسىدىن ئارتۇق.

Latin · ULY
Bir xotunning hiylisi, qiriq erning hiylisidin artuq.
Кирил · USY
Бир хотунниң һийлиси, қириқ әрниң һийлисидин артуқ.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  2. 2ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن.
  3. 3خوتۇن كىشىنىڭ جېنى قىرىق بىر.
  4. 4قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر بىر ياق.
  5. 5بىر ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم، مىڭ ياشقىمۇ بىر ئۆلۈم.
  6. 6يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  7. 7ئەرنىڭ سۆزى بىر بولار.
  8. 8يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش