ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئۇزۇن گەپ ئۆزىنى ئۇرار، ئۇزۇن چاپان پۇتنى.

Latin · ULY
Uzun gep özini urar, uzun chapan putni.
Кирил · USY
Узун гәп өзини урар, узун чапан путни.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
  2. 2كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.
  3. 3قاتتىق گەپ قىلساڭ، قېتىۋالىدۇ، يۇمشاق گەپ قىلساڭ يېتىۋالىدۇئ
  4. 4راست گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يالغان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
  5. 5ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
  6. 6ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ.
  7. 7ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆزۈنمەس.
  8. 8كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش