ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئۈمىدسىز كىشىدىن ئامەت قاچىدۇ، ئىناقسىز ئۆيدىن بەرىكەت.

Latin · ULY
Ümidsiz kishidin amet qachidu, inaqsiz öydin beriket.
Кирил · USY
Үмидсиз кишидин амәт қачиду, инақсиз өйдин бәрикәт.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1كىشىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىگە دە، ئۆزىگە دېمە؛ كىشىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۆزىگە دە، كىشىگە دېمە.
  2. 2كىشىنىڭ ئەيىبىنى ماڭا دېگەن كىشى ، مېنىىڭ ئەيىبىمنى كىشىگە دەر.
  3. 3خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن، ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
  4. 4كۈندۈزى ناخشا ئېيىتقان دەردى بار كىشى، كېچىسى ناخشا ئېيىتان يارى بار كىشى.
  5. 5ئۇن-ماي ھەر ئۆيدە بار، ياخشى تاماق بىر ئۆيدە.
  6. 6بازاردا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
  7. 7جاھاندا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى.
  8. 8ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش