ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئۈگرىنى تاشلاپ تالقان يەپتۇ، يۇرتنى تاشلاپ ئارمان.

Latin · ULY
Ügrini tashlap talqan yeptu, yurtni tashlap arman.
Кирил · USY
Үгрини ташлап талқан йәпту, юртни ташлап арман.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  2. 2كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  3. 3باي تالقان يېگەندە يامغۇر ياغار، كەمبەغەل تالقان يېگەندە بوراق چىقار.
  4. 4ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  5. 5ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس.
  6. 6نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.
  7. 7مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
  8. 8يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، يۇرتتىن ئايرىلغان يەتمىش يىل.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش