ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىدىن، ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى.

Latin · ULY
Ögey anining qushlighidin, öz anining mushtlighini yaxshi.
Кирил · USY
Өгәй аниниң қушлиғидин, өз аниниң муштлиғини яхши.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  2. 2سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  3. 3ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس، ياخشى يارغا ئەلچى.
  4. 4تۇغقاننىڭ بارى ياخشى، بۈگۈن قىچقارسا ئەتە«ھە»دېسىمۇ ياخشى.
  5. 5موللىنىڭ ياخشىسى تەمەرگە ئەمەس، مۇساپىرنىڭ ياخشىسى قەلەندەر.
  6. 6قىز بالا ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە ياخشى.
  7. 7چۈمۈلىنىڭ پۇتىدىن ئۆگەن، قۇشقاچنىڭ تىلىدىن ئۆگەنمە.
  8. 8باينىڭ ئېشىدىن كەمبەغەلنىڭ مۇشتى ياخشى.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش