ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 2161يول سورىغان يولدىن ئازماس.
- 2162يول سورىماي يولغا چىقما.
- 2163يول يۈرسەڭ باشقا چىق، سۇ ئۈزسەڭ قاشقا.
- 2164يولدا قوشۇلغان يولداش ئەمەس.
- 2165يولسىزنىڭ تىلى قىسقا.
- 2166يولى باشقا، مەنزىلى بىر.
- 2167يولى باشقىنىڭ نىيىتى باشقا.
- 2168يولىنى بىلسەڭ، سۇ ئۆگىزىگە چىقار.
- 2169يولۋاس ئىزىدىن قايىتماس، يىگىت سۆزىدىن.
- 2170يولۋاسقا يولۇقما، يولۇقساڭ ھودۇقما.
- 2171يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
- 2172يىراق بولسا كىشنىشەر، يېقىن بولسا چىشلىشەر.
- 2173يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا.
- 2174يىراقتىكى سۇدا ئۇسسۇزلۇق قانماس.
- 2175يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
- 2176يىرتىق تۆشۈكدىن كۈلەر، چۆمۈچ قازاندىن.
- 2177يىغلاپ يۈرۈپ قىر ئەت، ئويناپ يۈرۈپ يەر سۇغار.
- 2178يىغلىماقنىڭ كۈلمىكى بار.
- 2179يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ.
- 2180يىقىلغاننى تەپمە، قاچقاننى قوغلىما.
- 2181يىقىلغاننى يەر كۆتۈرەر.
- 2182يىلان ئۆزۈم ئەگرى ئەمەس، يولۇم ئەگرى دەيدۇ.
- 2183يىلان-چايان ئىزدىسەڭ، قازىنىڭ گۆرىنى ئاچ.
- 2184يىلاندىن قورقان، ئارغامچىدىنمۇ قورقار.
- 2185يىلاننىڭ تۆشىكى تۈز، ئۆزى ئەگرى.
- 2186يىلاننىڭ تېشى سىللىق، ئىچى زەھەر.
- 2187يىلتىز سۇدا بولماس، ھوسۇلدىن ئۈمىد كۈتمە.
- 2188يىڭنىنىڭ كۆزىدەك تۆشۈكتىن، تۆگىدەك شامال كىرىدۇ.
- 2189يىڭنە قاياققا ماڭسا، يىپ شۇ ياققا ماڭار.
- 2190يۆلەكلىك تام يىقىلماس.
- 2191يۇرتىغا پاتمىغان جاھانغا پاتماس.
- 2192يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا.
- 2193يۈز قاغىغا بىر شۇڭقار كۇپايە.
- 2194يۈز يۈزگە چۈشىدۇ، مېھىر كۆزگە.
- 2195يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى، جېنىمنىڭ راھىتى.
- 2196يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە، بېشى تاشقا تېگىدۇ.
- 2197يېتىپ يېسەڭ تاغ توشۇماس.
- 2198يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، يۇرتتىن ئايرىلغان يەتمىش يىل.
- 2199يېرىم باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، كىيمى يېلىڭنىڭ قوپقۇسى.
- 2200يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق.
- 2201يېرىڭ تاش بولسىمۇ، ئېچىقىڭ باش بولسۇن.
- 2202يېشىم ئوتتۇزغا يەتتى، ئۆمرۈمنىڭ تېڭى كەتتى.
- 2203يېغىر قەيەردە، چىۋىن شۇ يەردە.
- 2204يېقىن تۇغقان خىزمەتتە، يىراق تۇغقان ئىززەتتە.
- 2205يېمىسەڭمۇ ھەسەلنىڭ گېپىنى قىل.
- 2206يېمىشلىك ياغاچنىڭ بېشى تۆۋەن.
- 2207يېمىگىنىم پوق، كۆرمىگىنىم گۆر.
- 2208يېمەس يەردە ئوت بار، ئىچمەس يەردە سۇ.
- 2209يېمەي يىغقاننىڭ يېگۈچىسى چىقار، كىيمەي يىغقاننىڭ كىيگۈچىسى.
- 2210يېمەيمەن دەپ تۇرۇپ، يەتمىش قۇيماق يەپتۇ.
- 2211يېنىدا بىر پۇلى يوق، تۆگىنىڭ چىشىنى ساناپتۇ.
- 2212يېىتم ئۆز رىزقىنى يەيدۇ، كىشىنىڭ مىننىتىنى تارتىدۇ.
- 2213يېىتم تايدىن يورغا چىقار، يېتىم بالىدىن دورغا.
- 2214يېيىشلىك ئات ھارماس.
- 2215يېيىشلىك مالنىڭ ئېتى چۈشمەس، يۈزسىزنىڭ بېتى.
- 2216يېپىشقان خوتۇندىن قاچ، قاچقان خوتۇننى قوغلا.
- 2217يېپىقلىق قازان يېپىقىلىق پېتى قالسۇن.
- 2218يېڭى ئىدىشنىڭ سۈيى تاتلىق.
- 2219يېڭىسى ياندا، كونىسى جاندا.
- 2220يېڭىلمەكنىڭ يەڭمىكى بار، يەڭمەكنىڭ يېڭىلمىكى بار.