ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 2041ياتار قورساق-كېتەر قورساق.
  2. 2042ياتقان ئۆكۈزگە يەم يوق.
  3. 2043ياتقان يىلاننىڭ بېشىنى قوزغىما.
  4. 2044ياتقان يېرىڭنى قاتتىق دېمە، ئىچكەن سۈيۈڭنى ئاچچىق.
  5. 2045ياتقانغا يولۇقماس ھېچنېمە، ماڭغانغا پۇتلىشار ھەر نېمە.
  6. 2046ياتنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ ساقىلى كۆيۈپتۇ.
  7. 2047ياتنىڭ ياندىن ئۆتەر، تۇغقاننىڭ جاندىن.
  8. 2048ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس.
  9. 2049ياخشى ئاتقا قامچا كەتمەس، ياخشى يارغا ئەلچى.
  10. 2050ياخشى ئاتنىڭ تۇيىقىدىن چاڭ چىقماس.
  11. 2051ياخشى ئادەم ئامانلىشىپ كۆچەر، يامان ئادەم يامانلىىشىپ كۆچەر.
  12. 2052ياخشى ئادەم دەپ يۈرەرسەن، ھاجىتىڭ چۈشسە بىلەرسەن.
  13. 2053ياخشى ئاش ئېشىپ قالغۇچە، يامان قورساق يېرىلىپ كەتسۇن.
  14. 2054ياخشى ئىت ئۆلۈكنى كۆرسەتمەس.
  15. 2055ياخشى ئەر كىشى خوتۇن خارلىماس.
  16. 2056ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆگزىدىن.
  17. 2057ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
  18. 2058ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
  19. 2059ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  20. 2060ياخشى تىلەككە يامان چېچەك.
  21. 2061ياخشى خوتۇن ئەرنى ئەر قىلار، يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار.
  22. 2062ياخشى دوست جاندىن ئەزىز.
  23. 2063ياخشى سۆز تاشنى يارار، يامان سۆز باشنى.
  24. 2064ياخشى سۆز دىلنى ئېرىتىدۇ، يامان سۆز سۆزگە ياماق.
  25. 2065ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق.
  26. 2066ياخشى قوشنا دەردكە ھەمدەم، يامان قوشنا باشقا مىڭ غەم.
  27. 2067ياخشى كەلسە ھوت، يامان كەلسە جۇت.
  28. 2068ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك، ناچار مالنى سېتىشقا سۆز.
  29. 2069ياخشى نىيەت ئاشقا، يامان نىيەت باشقا.
  30. 2070ياخشى گۆشتىن ياخشى شورپا.
  31. 2071ياخشى گەپ ئىسسىتقۇ، يامان گەپ سوۋۇتقۇ.
  32. 2072ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ.
  33. 2073ياخشىدىن ئات قالىدۇ، ياماندىن داد.
  34. 2074ياخشىدىن جاپا كەلمەس، ياماندىن ۋاپا.
  35. 2075ياخشىغا بىر سۆز، يامانغا مىڭ سۆز.
  36. 2076ياخشىغا بەرسەڭ نېپى تېگەر، يامانغا بەرسەڭ گېپى.
  37. 2077ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم.
  38. 2078ياخشىغا يېتىشمەك تەس، ياماندىن قۇتۇلماق.
  39. 2079ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  40. 2080ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ.
  41. 2081ياخشىنىڭ ئايىغىدا قۇرت ئۆلمەس.
  42. 2082ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
  43. 2083ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  44. 2084يار ئوتىنىڭ يارىسى يوق.
  45. 2085يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار.
  46. 2086يارنىڭ سۈرىتىگە قارىما، خۇلقىغا قارا.
  47. 2087يارىمنىڭ تىللىغىنى-چىللىغىنى.
  48. 2088يارىنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىپتۇ.
  49. 2089ياز بار، قىش بار، ئالدىرىماڭ ئىش بار.
  50. 2090يازدا ئۇخلىغان قىشتا مۇزلار.
  51. 2091ياش تۆككۈچە، مۇش تۈگ.
  52. 2092ياش قېرىتماس، غەم قېرىتار.
  53. 2093ياش كېتىمەن دەپ قورقۇتار، قېرى ئۆلىمەن دەپ.
  54. 2094ياش ۋاقتىدا ياخشىلىق قىلمىغان، قېرىغاندا قاتتىقلىق كۆرەر.
  55. 2095ياشلار ئويۇنغا ئامراق، قېرىلار ئۇيقۇغا.
  56. 2096ياشلار كەلسە ئىشقا، قىرى كەلسە ئاشقا.
  57. 2097ياشلىق-يالقۇن، قېرىلىق-تۈتۈن.
  58. 2098ياشلىقتا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باشقاندەك.
  59. 2099ياشلىقنىڭ قەدرى قېرىغاندا ئۆتۈلەر.
  60. 2100ياشنىڭ سەتى يوق، قېرىنىڭ چىرايلىقى.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى