ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 2101ياغ يېگەندە يات، دەرد تارتقاندا قېرىنىداش.
  2. 2102ياغاچ قازاندا ئاش بىر پىشار.
  3. 2103ياغاچ قۇلاققا گەپ ئۆتمەس.
  4. 2104ياغاچ كەسسەڭ ئۇزۇن كەس، تۆمۈر كەسسەڭ قىسقا.
  5. 2105ياغاچ پىچاققا تۆمۈر غىلاپ.
  6. 2106ياغمىغان يامغۇرغا چەكمەن يېپىنما.
  7. 2107ياقا ئېتەك بولدى، ئېتەك ياقا.
  8. 2108يالاقچى يالاپ تويماس، غالچا غاجاپ.
  9. 2109يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماس.
  10. 2110يالجىمىساڭ يەر يۆتكە.
  11. 2111يالغان ئېيىتساڭ تۇتۇلىسەن، راست ئېيىتساڭ قۇتۇلىسەن.
  12. 2112يالغان راست بولماس، راست يالغان بولماس.
  13. 2113يالغانچى ئۆلۈكنىمۇ گۇۋاھلىققا تارتار.
  14. 2114يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس.
  15. 2115يالغانچىنىڭ ئەتىسى تۈگىمەس، قەسەم بىلەن ۋەدىسى تۈگىمەس.
  16. 2116يالغانچىنىڭ راست سۆزىمۇ يالغان.
  17. 2117يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام.
  18. 2118يالغۇز ئوتۇن يانمايدۇ. يالغۇز قويۇن ئىسسىمايدۇ.
  19. 2119يالغۇز دەرەختىن قۇش تېزىپتۇ.
  20. 2120يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار.
  21. 2121يالغۇز يىگىت بەگ بولماس، يالغۇز ياغاچ ئۆي.
  22. 2122يالىڭاچ سۇدىن قورقماس، كەچ قالغاندا قاراڭغۇدىن.
  23. 2123يامان ئات ئىگىسنى يەرگە ئاتار، يامان دوست دوستىنى دۈشمەنگە ساتار.
  24. 2124يامان ئىشنى يامان تاپار، سېسىق گۆشنى چېۋىن.
  25. 2125يامان ئۆزىنى بىلمەس، ياخشىنى كۆزگە ئىلماس.
  26. 2126يامان ئۇرۇقتىن ياخشى مېۋە بولماس.
  27. 2127يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش.
  28. 2128يامان جىن قورقىدۇ.
  29. 2129يامان خوتۇن ئالغۇچە، بويتاق يۈرگىن ئۆلگۈچە.
  30. 2130يامان قىزغا ئانىسى ئەلچى.
  31. 2131يامان كۆرگەن ياغاچ مەسچىتنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۈۋرۈك بوپتۇ.
  32. 2132يامان ياماندىن قورقىدۇ، كەتمەن ساماندىن.
  33. 2133يامانغا يولۇڭساڭ يالىىسى يۇقار، قازانغا يۇلۇقساڭ قارىسى.
  34. 2134يامانغا گۆردىمۇ قوشنا بولما.
  35. 2135يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان.
  36. 2136يامانلىق بىردەملىك، ياخشىلىق ئۆلگۈچىلىك.
  37. 2137ياماننى ئېشىڭغا يولاتساڭ يولات، قېشىڭغا يولاتما.
  38. 2138ياماننى كۆرمەي، ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
  39. 2139ياماننىڭ ئوتى يامان.
  40. 2140ياماننىڭ قوينىدا ياتقۇچە، ياخشىنىڭ ئايىغىدا ئۆل.
  41. 2141ياماننىڭ كاساپىتى تېگەر، ياخشىنىڭ شاراپىتى.
  42. 2142ياماننىڭ يامانلىقى بار، كىشى بىلمەس ھىيلىسى بار.
  43. 2143ياماننىڭ گېپى يامان، ئەسكى چاپاننىڭ پىتى.
  44. 2144يامغۇر قەدرىنى تاش بىلمەس.
  45. 2145يامغۇر ياغدى-ياغ ياغدى، قار ياغدى نان ياغدى.
  46. 2146يامغۇردىن قېچىپ مۆلدۈرگە ئۇچراپتۇ.
  47. 2147يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇق، كىرەلمەيسەن بۇلۇڭ بولمىغىنى ئۈچۈن.
  48. 2148يان يەرنى شامال قاقىدۇ، چارايلىققا ھەركىم باقىدۇ.
  49. 2149ياندىكى كاسپىنىڭ قەدرى يوق.
  50. 2150ياياق كىشىگە يانچۇقمۇ ئېغىر.
  51. 2151ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ؟
  52. 2152ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە.
  53. 2153يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن.
  54. 2154يورغا مىنگەن يولدا قاپتۇ.
  55. 2155يورغا مىنگەن يولدىشىدىن ئايرىلار، كۆپ ياشىغان تەڭتۈشىدىن.
  56. 2156يوق چاغدا يوغان گەپ.
  57. 2157يوقالغان پىچاقنىڭ سېپى ئالتۇن.
  58. 2158يوققا نېمە يوق، ئېرىقىتىكى سۇمۇ يوق.
  59. 2159يول ئازابى-گۆر ئازابى.
  60. 2160يول بۇياققا، ھارۋا ئۇياققا.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى