ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى
2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش
تېما بويىچە
ھايۋانلار368ئائىلە265تىل ۋە سۆز184ياخشىلىق ۋە يامانلىق165بايلىق ۋە نامراتلىق164مېھماندوستلۇق ۋە داستىخان120ئەمگەك ۋە ھۈنەر116ھايات ۋە ئۆلۈم115بىلىم ۋە ئەقىل100دوست ۋە دۈشمەن85راستچىللىق ۋە ئادالەت75جاسارەت59ياشلىق ۋە قېرىلىق52قانائەت ۋە ئاچكۆزلۈك51ۋەتەن ۋە ئەل37سالامەتلىك26ئۇيات ۋە ئابروي26سەۋر-تاقەت14ئىتتىپاقلىق ۋە مەسلىھەت12كەمتەرلىك ۋە غۇرۇر5
ھەممە ماقاللار
2,501 ماقال
- 2281پۇتۇڭنىڭ توغۇرلىقىغا قارىما، يولنىڭ توغۇرلىقىغا قارا.
- 2282پۇختا ئىشتىن كاۋاك چىقماس، يەككە قولدىن چاۋاك.
- 2283پۇقاقنىڭ ئۈستىگە سۆگەل چىقىپتۇ.
- 2284پۇل ئالدىدا ئېزىقما، مەنسەپ ئالدىدا قىزىقما.
- 2285پۇل ئەجەلگە داۋا بولماس.
- 2286پۇل ئەقىل ئۆگىتەر، تون مېڭىشنى تۈزىتەر.
- 2287پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل تۈگىگەندە قېنى دوست.
- 2288پۇل بايغا ئاقىدۇ، سۇ سايغا.
- 2289پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا.
- 2290پۇل تېپىۋالساڭ سانىۋال.
- 2291پۇل دۈشمەننى دوست قىلار، دوستنى دۈشمەن.
- 2292پۇل دېگەن قولنىڭ كىرى
- 2293پۇل كەتسە كەتسۇن، يۈز كەتمىسۇن.
- 2294پۇل-مال كېتەر بوشلۇقتىن، پۇرسەت كېتەر خۇشلۇقتىن.
- 2295پۇلسىز ئەر خوتۇنغا جىن كۆرۈنەر.
- 2296پۇلسىز بازار تونۇماس.
- 2297پۇلى ئازنىڭ غېمى ئاز.
- 2298پۇلى بار ئادەمدىن تاغمۇ قورقىدۇ.
- 2299پۇلى بار كاۋاپ يەيدۇ، پۇلى يوق كاۋاپ تۈتۈنى.
- 2300پۇلى بارغا بازار، پۇلى يوققا مازار.
- 2301پۇلى بارنىڭ يولى كۆپ.
- 2302پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
- 2303پۇلى بولسا قوللايدۇ، بولمسا قوغلايدۇ.
- 2304پۇلۇڭ يوق بازارغا بارما، مەشىقىڭ يوق مەشرەپكە.
- 2305پۇلۇڭغا ئىشەنگۈچە، ئەقلىڭگە ئىشەن.
- 2306پۇچقىقىغا پىت چۈشۈپتۇ، ئېشىغا چىۋىن.
- 2307پۈتكەن ئىشقا ئىگە تولا، ئۇرۇشتىن كېيىن باتۇر.
- 2308پەرىشتىنىڭ ئېشىدىن،شەيتان قىزغىنىپتۇ.
- 2309پەس يەرنىڭ توپىسى تاغ كۆرنەر.
- 2310پەشنى كېسىپ يەڭنى ياماپتۇ.
- 2311پەمسىز باتۇرلۇق، قورالى يوق مىلتىق.
- 2312پەمسىز پەلەمپەيدىن يىقىلار.
- 2313چاشقان ئەرزىنى مۈشۈك تەستىقلىماپتۇ.
- 2314چاشقان يىغار، پاقا يەر.
- 2315چاشقانغا كېپەك ئالدۇرماس، قوڭغۇزغا تېزەك.
- 2316چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلار.
- 2317چاشقاننىڭ ئەرزى مۈشۈككە.
- 2318چاقماققا ئاتنى تېگشكەن ئەخمەق.
- 2319چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۈرەر.
- 2320چاپاقنىڭ قارىغۇ ئادىشى بار.
- 2321چاپان كۆيسىمۇ كۆيسۇن، قازان قاينىسۇن.
- 2322چاپاننىڭ يېڭىسى ياخشى، دوستنىڭ كونىسى.
- 2323چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىپتۇ.
- 2324چاپىنى تىزىدىن ئاشماس، ئالدىنى ياپسا كەينىگە يەتمەس.
- 2325چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا.
- 2326چاپىنىمىدا تۆت يانچۇق، خەجلەي دېسەم بىر پۇل يوق.
- 2327چاڭقىغانغا سۇ بەر، مۇزلىغانغا ئوت.
- 2328چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ.
- 2329چوڭ ئىززەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلار.
- 2330چوڭ بېشىنى ئاچسا، كىچىك كۆتىنى ئېچىپتۇ.
- 2331چوڭ بېلىق كىچىك بېلقىنى يەر.
- 2332چوڭ توقاچ پىشقۇچە، كىچىك توقاچ كۆيۈپ كېتىپتۇ.
- 2333چوڭ دەرەخنىڭ سايىسى چوڭ بولىدۇ.
- 2334چىدىغان بۆرە گۆش يەيدۇ، چىدىمىغان بۆرە يۇڭ.
- 2335چىدىماسنىڭ نالىسى تولا، خۇشياقماسنىڭ باھانىسى.
- 2336چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ.
- 2337چىراي تاللىماي مىجەز تاللا.
- 2338چىراي كۆيدۈرەر، خۇلۇق سۆيدۈرەر.
- 2339چىرايغا قاراپ ھال سورا.
- 2340چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس.