ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

يېمىشلىك ياغاچنىڭ بېشى تۆۋەن.

Latin · ULY
Yémishlik yaghachning béshi töwen.
Кирил · USY
Йемишлик яғачниң беши төвән.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1بارلىق بولساڭ بېشىڭنى سىلايدۇ، يوقلۇق بولساڭ بېشىڭ سىغمايدۇ.
  2. 2غونىجىننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.
  3. 3ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.
  4. 4قۇرت ياغاچنى ئىچىدىن يەر.
  5. 5ئىشنىڭ بېشىدا تاراقلايدۇ، ئاخىرىدا پالاقلايدۇ.
  6. 6ئۇرۇق -تۇغقاننىڭ يىرىقى ياخشى، ئوتۇن -ياغاچنىڭ يېقىنى.
  7. 7سۇنىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىغىمۇ لاي بولىدۇ.
  8. 8تاز تازنى كۆرسە بېشى قىچىشار.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش