ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا.

Latin · ULY
Yiraqtiki tughqandin, yéqindiki qoshna ela.
Кирил · USY
Йирақтики туғқандин, йеқиндики қошна әла.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1يېقىن تۇغقان خىزمەتتە، يىراق تۇغقان ئىززەتتە.
  2. 2تۇغقان يىراق بولسا كىشنىشىدۇ، يېقىن بولسا چىشلىشىدۇ.
  3. 3ئوغلۇڭ ئۆسسە ئۇلۇغلار بىلەن قوشنا بول، قىزىڭ ئۆلسە خىللىقلار بىلەن قوشنا بول.
  4. 4ئۇرۇق -تۇغقاننىڭ يىرىقى ياخشى، ئوتۇن -ياغاچنىڭ يېقىنى.
  5. 5ياخشى قوشنا دەردكە ھەمدەم، يامان قوشنا باشقا مىڭ غەم.
  6. 6يىراقتىن خوتۇن ئالساڭ ئۇلىقىڭ تىنماس، يېقىندىن خوتۇن ئالساڭ قۇلىقىڭ تىنماس.
  7. 7خوتۇننىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە گۈرۈچ، ئەرنىڭ تۇغقىنى كەلسە كۈندە ئۇرۇش.
  8. 8ئات ئالساڭ يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ يىراقتىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش