ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالقولۇڭدىن كەلسە، ئەلدىن ئايىما.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 2221يېگەن ئېغىز، كۆرگەن كۆز.
  2. 2222يېگەن كۆرۈنمەس، كىيگەن كۆرۈنەر.
  3. 2223يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس.
  4. 2224يەتتە يېشىنى ئەسلىشەر، يەتمىش يېشىدىن رەنجىشەر.
  5. 2225يەر بۇزۇلسا بۇدۇشقاق بولار، خوتۇن بۇزۇلسا ئۇۇرشقاق.
  6. 2226يەر تويمىغۇچە ئەل بولماس.
  7. 2227يەر كىشىنى يەيدۇ، كىشى يەرنى يەيدۇ.
  8. 2228يەر يامان ئەمەس، ئەر يامان.
  9. 2229يەر ھوسۇلنىڭ ئانىسى، ئەمگەك ھوسۇلنىڭ ئاتىسى.
  10. 2230يەرنى ھەيدىسەڭ كۈز ھەيدە، كۈز ھەيدىمىسەڭ يۈز ھەيدە.
  11. 2231يەرگە ئىشلە ئايانما، يوق ئامەتكە تايانما.
  12. 2232يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ.
  13. 2233يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىس.
  14. 2234يەي دېسە چىشى ئاغرىيدۇ، بېرەي دېسە ئىچى.
  15. 2235يەپ تويمىغان يالاپ تويماس.
  16. 2236يەڭگەن سۇلتان، يېڭىلمىگەن ئۇلتاڭ.
  17. 2237پاختەكتە بار كۆڭۈل، تۇرالغىدا يوقمۇ؟
  18. 2238پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.
  19. 2239پادىدىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر.
  20. 2240پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار.
  21. 2241پادىشاھ مەست بولسا، دۆلىتى غەرىق بولۇر.
  22. 2242پادىشاھلىق ئەل بىلەن، تۆمۈرچىلىك يەل بىلەن.
  23. 2243پادىشاھنىڭ كۆزىدە بولغۇچە، كۆڭلىدە بول.
  24. 2244پادىچى ئىككى بولسا، ئارىدا توقلا ئۆلەر.
  25. 2245پاراسەتسىز پالاكەتكە يولۇقار.
  26. 2246پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
  27. 2247پاقا ئۆكۈز بىلەن تەڭ بولىمەن دەپ، يېرىلىپ كېتىپتۇ.
  28. 2248پاقا بىر سەكرەر، ئىككى سەكرەر، ئۈچۈنچىسىدە ئورنىغا چۈشەر.
  29. 2249پاقا سوزۇلۇپ يىلان بولالماس، موماي ياسىنىپ جۇۋان.
  30. 2250پاقىنى دەسسىسە« ۋاق»دەيدۇ.
  31. 2251پاكار ئېشەككە ھەركىم مىنەر.
  32. 2252پالتا تەگمىگەن ياغاچ بولماس.
  33. 2253پالتا چۈشكۈچە ئۆتەك دەم ئاپتۇ.
  34. 2254پالتاڭنى ئېلىپ تاغقا يۈر، سېۋىتىڭنى ئېلىپ باغقا.
  35. 2255پالتىدىن زۇۋان كەپتۇ، قاتىلدىن ئىمان.
  36. 2256پالتىنىڭ چۇلدىسىدا ئوتۇن يېرىپتۇ.
  37. 2257پالچىدا داڭگال تولا، شائىردا خىيال.
  38. 2258پالچىغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە.
  39. 2259پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان.
  40. 2260پايدىسى يوق ئوغرىنىڭ، گۇندىدا تۇرغىنى زىيان.
  41. 2261پايدىنى كۆرسە بۈرگىدەك چاققان، زىياننى كۆرسە كىرپىدەك ياتقان.
  42. 2262پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقىلى بولماس.
  43. 2263پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ.
  44. 2264پىتنە-پاساتنىڭ پۇتى قىسقا، يولسىزنڭ تىلى.
  45. 2265پىشمىغان ئاشتىن خام كاۋاپ ياخشى.
  46. 2266پىل تۆشۈكتىن قورقىدۇ، چاشقان مۈشۈكتىن.
  47. 2267پىلانسىز ئىش، قېلىپسىز خىش.
  48. 2268پىلنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
  49. 2269پىلنىڭ ئۆمرىگە چىشىنىڭ قىممىتى سەۋەپچى.
  50. 2270پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى.
  51. 2271پىچاق تاشقا بىلىنىدۇ، ئادەم ئىشىتا سىنىلىدۇ.
  52. 2272پىچاق دەستىسىنى كەسمەيدۇ.
  53. 2273پىچاق گۆشكە ماڭار، سۆڭەككە ماڭماس.
  54. 2274پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە.
  55. 2275پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
  56. 2276پۇت پۇتقا ھەمراھ، قول قولغا.
  57. 2277پۇتالمىغان ياغاچ پۇتاقلىق.
  58. 2278پۇتتىن يىقىلغان تۇرار، تىلىدىن يىقىلغان تۇرالماس.
  59. 2279پۇتقا تاپسا باشقا يوق، باشقا تاپسا پۇتقا.
  60. 2280پۇتى ئۆيگە كىرگۈچە، كەشى تۆرگە چىقىپتۇ.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى