ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

يۇرتىغا پاتمىغان جاھانغا پاتماس.

Latin · ULY
Yurtigha patmighan jahan'gha patmas.
Кирил · USY
Юртиға патмиған җаһанға патмас.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  2. 2كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول.
  3. 3بىر پاتمان ئالتۇنۇڭ بولغۇچە، بىر پاتمان يېرىڭ بولسۇن.
  4. 4جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق.
  5. 5ياخشىنىڭ قەدرى ئۆلگەندە بىلىنەر، يۇرتنىڭ قەدرى كۆچكەندە.
  6. 6ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويۇڭ سامان بولماس.
  7. 7نادان ھاكىم يۇرت بۇزار.
  8. 8مۇساپىر بولمىغۇچە، يۇرتنىڭ قەدرىنى بىلمەس.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش