ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى

2,501 ماقال · ئېلىپبە، تېما ۋە مەنا بويىچە ئىزدەش

تاسادىپىي
بۈگۈنكى ماقالمىلتىقسىز يۈرگەندە كېيىك ئۇچراپتۇ.

تېما بويىچە

ھەممە ماقاللار

2,501 ماقال

  1. 1861كېسەلگە قاراپ دورا، كاڭغا قاراپ بورا.
  2. 1862كېكەچ سۆزلىسە، ئېغىز ئاچۇرماس.
  3. 1863كېلىش مېھماندىن، كېتىش ساھىبخاندىن.
  4. 1864كېلىن بولسىڭىز كېلىڭ، بولمىسىڭىز كېتىڭ.
  5. 1865كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر، بۆكىنى كىيگەندە.
  6. 1866كېمىگە چۈشتۈڭ، جاننىڭ غېمىغا چۈشتۈڭ.
  7. 1867كېنىڭگە نېمە قىلساڭ، قىزىڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
  8. 1868كېيىك ئوۋلاپ تاغقا چىق، يارنى ئىزدەپ باغقا.
  9. 1869كېيىن كەلگەن تۆرگە چىقىپتۇ.
  10. 1870كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن.
  11. 1871كېپىنەك گۈلگە ئامراق، ياسانچۇق كىيىمگە.
  12. 1872كېچىسى ئېيىتقان سۆز خوتۇننىڭ راست، كۈندۈزى ئېيىتقان سۆز ئانىنىڭ راست.
  13. 1873كەتكەن كېلەر،كەتمىگەن كەلمەس.
  14. 1874كەتمەن ساماندىن قورقىدۇ، ئادەم ياماندىن.
  15. 1875كەتمەننى مەن چاپسام، يېتىپ يەيدۇ خان غوجام.
  16. 1876كەتمەننىڭ دەردىنى قول بىلەر، لەززىتىنى تىل.
  17. 1877كەكلىك باغقا كۆنمەس، بۇلبۇل تاغقا.
  18. 1878كەكلىك قاغىنىڭ مېڭىشىنى دوراپ، چاترىقى يىرتىلىپ كېتىپتۇ.
  19. 1879كەلكۈن سۇ- يىرىتقۇچ ھايۋان.
  20. 1880كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟
  21. 1881كەلگۈچە مېھمان ئۇيىلار، كەلگەندىن كېيىن ئۆي ئىگسى.
  22. 1882كەم سۆز يىگىت-ساز يىگىت، مەدداھ يىگىت- ماز يىگىت.
  23. 1883كەمبەغەل ئىشلەپ ھارماس، باي چىشلەپ.
  24. 1884كەمبەغەل بالىسىنى ئويلايدۇ، باي مېلىنى.
  25. 1885كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق.
  26. 1886كەمبەغەل تۆگە مىنسىمۇ ئىت چىشلەر.
  27. 1887كەمبەغەل گۈل قىسسا، تىكىنى بايغا سانجىلار.
  28. 1888كەمبەغەللىك ئەيىب ئەمەس، ھورۇنلۇق ئەيىب.
  29. 1889كەمبەغەلنى ئىززەت قىلساڭ، چورۇقى بىلەن تۆرگە چىقار.
  30. 1890كەمبەغەلنىڭ بىر تويغىنى، پادىشاھ بولغىنى.
  31. 1891كەمبەغەلنىڭ مۈشۈكى چاشقان تۇتسا، باينىڭ مۈشۈكى توشقان تۇتار.
  32. 1892كەمتەر بولساڭ ئوزارسەن، مەغرۇرلانساڭ غۇلارسەن.
  33. 1893كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا گەپنىڭ مەززىسى.
  34. 1894كەپە بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ.
  35. 1895كەچ قالغان قاراڭغۇدىن قوروقماس.
  36. 1896كەچ قالغان قارڭغۇدىن قورقماس، ئەرگە تەرگەن دەرەڭگىدىن.
  37. 1897كەڭ تون يىرتىلماس، كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
  38. 1898كەڭ كىيىم سۆرىلىپ يىرتىلار، تار كىيىم تارتىشىپ.
  39. 1899كەڭگە كەڭ دۇنيا، تارغا تار دۇنيا.
  40. 1900لالما بولغۇچە سالما بول.
  41. 1901لايدىن ياسىغان كوزا، سۇغا چۈشسە ساق چىقماس.
  42. 1902لايغا ئۆتمىگەن پىچاق قولغا ئۆتەر.
  43. 1903لاپ ئۇرغىلى يات يەر ياخشى.
  44. 1904لاچىن قاراپ تاپىدۇ، تۈلكە ماراپ، بۆرە پۇراپ.
  45. 1905لاۋا-لاتقا ئەخلەتنىڭ ئىشى، تەكەببۇرلۇق ئەخمەقنىڭ.
  46. 1906لولا قولدىن ئالىدۇ، ئوغرى يولدىن.
  47. 1907لەيلىنى كۆرۈش ئۈچۈن، مەجنۇننىڭ كۆزى كېرك.
  48. 1908لەۋزىدە تۇرمىغان يىگىت ئەمەس.
  49. 1909ماختانچاق-بىكارچىغا ئويۇنچۇق.
  50. 1910ماختانچاقنىڭ ئۆيىگە بارما، كېرىلگەننىڭ تويىغا.
  51. 1911ماختىغان قىز تويىدا چىچىپتۇ.
  52. 1912مازاردىن مەدەت تىلىگۈچە، توغراقتىن ئامۇت تىلە.
  53. 1913ماقۇلغا جاۋاب يوق.
  54. 1914مال ئالساڭ كۆرۈپ ئال، قىز ئالساڭ بىلىپ.
  55. 1915مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك.
  56. 1916مال ئىگىسىنى دورايدۇ.
  57. 1917مال تۈرى بىلەن، ئادەم قاياشى بىلەن.
  58. 1918مال سەمرىسە ياغ بولار، يەر سەمرىسە باغ.
  59. 1919مالدا مال بار، ئادەمدە ئادەم.
  60. 1920مالسىزلىقتىن ئاڭسىزلىق يامان.
ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى | ئۇيغۇر ھېكمەتلىرى