ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

كېنىڭگە نېمە قىلساڭ، قىزىڭدىن شۇنى كۆرىسەن.

Latin · ULY
Kéningge néme qilsang, qizingdin shuni körisen.
Кирил · USY
Кениңгә немә қилсаң, қизиңдин шуни көрисән.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
  2. 2ئەمگەك قىلساڭ قىلساڭ ئاتىقىڭ چىقار، قىلمىساڭ چاتىقىڭ.
  3. 3سەن كەلسەڭ نېمە ئېلىپ كېلىسەن، مەن بارسام نېمە ئېتىپ بېرىسەن.
  4. 4ئەقىللىققا گەپ قىلساڭ، ئويلاپ كۈلىدۇ، نادانغا گەپ قىلساڭ، ئاڭلاپ كۈلىدۇ.
  5. 5چۈشكە نېمە كىرمەيدۇ، دۈشمەن نېمە دېمەيدۇ.
  6. 6نېمە دېسەڭ شۇنى ئاڭلايسەن.
  7. 7كۈنلۈك ئىش قىلساڭ سەھەردىن باشلا، يىللىق ئىش قىلساڭ باھاردىن.
  8. 8كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش