ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

كەپە بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ.

Latin · ULY
Kepe bolsimu öyüng yaxshi, éyiq bolsimu éring.
Кирил · USY
Кәпә болсиму өйүң яхши, ейиқ болсиму ериң.

مۇناسىۋەتلىك ماقاللار

  1. 1ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم بولسۇن، ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈم.
  2. 2ئۆيۈم ھېيىتتىكىدەك بولسا، ئېرىم توي كۈنىدىكىدەك بولسا.
  3. 3ياخشى بولسا ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا بېشىڭغا.
  4. 4ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
  5. 5ياخشى بولساڭ دوستۇڭ كۆپ، يامان بولساڭ غەيۋەت كۆپ.
  6. 6ياخشى بىلەن دوست بولساڭ، يېتەرسەن مۇرادقا، يامان ئادەم بىلەن دوست بولساڭ، قالارسەن ئۇياتقا.
  7. 7سەن ياخشى، مەن ياخشى، تونۇر قىزىق نان ياخشى.
  8. 8ياخشى بولسا ئۆزىدىن كۆرىدۇ، يامان بولسا ئۆگزىدىن.

مەنبە: ئۇيغۇر قامۇسى — ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى · خاتالىق ياكى باشقا ۋارىيانتىنى ئەۋەتىش